تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى نەيىم ياسىن

شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە، بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرى، ۋىجدانسىز تاراتقۇلاردا «ھەۋەس ۋە ھەسەتتىن ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ»، ئاتالمىش «تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەسىلىسى» ئارقىلىق «كىشىلىك ھوقۇق كوزىرى» ئوينىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى ۋە ئۇنى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى، بۇنىڭغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ. بىز جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىدىغان، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىدىغان، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ نوخلىسىنى ئۆستۈرىدىغان بۇنداق قىلمىشلاردىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بىز ئاشۇ ساختا ياخشىلىق نىقابىنى تاقىۋالغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىلا روھىي ھالىتى تەڭپۇڭسىزلىنىدىغان، ھەر خىل ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ بىزنىڭ ھەققانىي تەدبىرىمىز، ئىجادىي تەدبىرىمىز، ئەمەلىي تەدبىرىمىزگە قارىسىغا باھا بېرىدىغان غەرب سىياسەتۋازلىرىنى شۇنداق قاتتىق، كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، پەس ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن قۇتۇلۇڭلار، ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئەمدى قارا چاپلىماڭلار، مالىمانچىلىق تۇغدۇرماڭلار؛ يەنە سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەرگىزمۇ يارا ساقايغاندىن كېيىن ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قالساڭلار بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىمغا 67 يىل بولغان ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق دەيمەنكى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە قۇسۇر تېپىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن قۇسۇر تېپىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق، دۇنيا خەلقىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىمىز ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قاتناشتىم، ئۇنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم، مەن يەنە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى. بۇ يىل مەن شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان 200گە يېقىن تەربىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلار تېتىك ۋە روھلۇق بولۇپ، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ ئۇلار ئىپادىلىگەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئارزۇسى ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورتاق تىلىدا تەلىم - تەربىيەگە قاتنىشىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرەلىدى، ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆگىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بولدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىگەندە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيى ۋە مەدەنىيەت سەھنىسى بار، قىشتا پار، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بار، ھەر كۈنى يەنە ئۈچ ۋاق مول تاماق بار، دېدى. ئۆگىنىش جەريانىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر قەرەللىك ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى بار؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، خەۋەرلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

ھازىر تەربىيەلەش مەركىزىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇلاردا ئائىلە قارىشى تىكلەندى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچەيدى، كۈرەش نىشانى ئايدىڭلاشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، كەڭ كارخانىلارمۇ ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ، تەدبىر قوللىنىپ، تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تۈرلۈك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر زاۋۇتتا ئىشلەش، ئاشخانا ئېچىش، كوپىراتىپ قۇرۇش، دۇكان ئېچىش، تاكسى ھەيدەش، باقمىچىلىق قىلىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېپيېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى؛ نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى يەنە كەنت كوللېكتىپى، ئەدلىيە ئورنى، يەسلى، خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىدا خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كېرەكلىك ئادەم بولۇشقا ئىرادە باغلىدى. مەن زىيارەت قىلغان 20 نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇلى ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەنلەر دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىلىدۇ، قانۇننى چۈشىنىدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، بەزىلىرى يەنە مۇئەييەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىسمېنا، گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپە قوشتى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، ياخشى تەدبىر، قانۇن بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، بۇ ئۇسۇل ھەم دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، تامامەن توغرا، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بىرىنچى، دىنىي ئەسەبىزم ئىدىيەسى ئۈنۈملۈك يوقىتىلدى. تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا، مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپتۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەر نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپتۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپتۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپتۇ.

ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش كۈچەيتىلدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، مەدەنىيەت مىراسلىرى مول، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان ھۆرمەت قىلىندى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. ئەمما دىنىي ئەسەبىزم بارلىق زامانغا لايىق مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىپ ۋە چەتكە قېقىپ، تېلېۋىزور كۆرۈشكە، رادىيو ئاڭلاشقا، گېزىت - ژۇرنال ئوقۇشقا بولمايدۇ، دېگەننى تەرغىب قىلدى، ئۆلۈم - يېتىمدە يىغلىماسلىق، توي - تۆكۈندە كۈلمەسلىككە مەجبۇرلاپ، كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى چەكلىدى، ئاياللارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەسىس قىلىنغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، چالغۇ چېلىش، رەسىم سىزىش، ھۆسنخەت يېزىش، قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق مول، رەڭدار مەدەنىيەت ئوقۇتۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت تۈرىدىكى ئەمەلىي مەشىق سىنىپى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيەسىنى مەنزىرە تىياتىرى، ئېتۇت، خور، ئۇسسۇل، تىياتىر، كوللېكتىپ مۇزىكا ئورۇنلاش، «كۈەيشەن» قاتارلىق نومۇر ئورۇنلاش شەكلىدە نامايان قىلدى. بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن تۈرلۈك ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، قەشقەرنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدا ئويۇن قويماقتا. بىر قىسىم كۆلىمى چوڭراق ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى يەنە تۈرلۈك ھەقلىق سودا ئويۇنى قويۇشنى قوبۇل قىلىپ ھەم ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئويۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۈچىنچى، قانۇننىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى، مەجبۇرىيىتىنى قوغداش رولى جارى قىلدۇرۇلدى. دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇن»ىدا: پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دىنىي ئەسەبىزم ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھاقارەتلىدى، چەتكە قاقتى، يېتىم قالدۇردى. بەزى ئامما بېسىم ۋە تەھدىتتىن قورقۇپ، يەنە نادانلىقى، قانۇننى چۈشەنمىگەنلىكى، چىرىتىشكە ئۇچرىغانلىقى، زەھەرلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ۋاز كەچتى، ئائىلىسىدىن ۋاز كەچتى، بەختلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچتى، بەزىلىرى ھەتتا جىنايەت يولىغا ماڭدى. تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئۇلار قانۇننىڭ جىنايەتنى جازالاپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنى دەخلى - تەرۇزگە، مەجبۇرلاشقا ئۇچراشتىن قوغدايدىغانلىقىنى، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇننىڭ قوغدايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ؛ ئۇلار دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، ئائىلە تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، دىنىي پائالىيەتلەرگە ئىختىيارىي، ئەركىن، قانۇن بويىچە قاتنىشىپتۇ.

ھەر يىلى مەن ناھايىتى نۇرغۇن مىللىي رايونلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، مېنىڭ تونۇشتۇرۇشۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماختىدى، مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەممىسى بۇنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەدبىر، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان، يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى نامايان قىلىدىغان، تۈپتىن باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە تۈزەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن، دەپ قاراشتى. بۇ يىل، مەن ماراكەش كېڭەش پالاتاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ھەم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن مىسىر پارلامېنتىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، قارشى تەرەپ بىردەك شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، بىزنىڭ بىر قاتار ئۇسۇللىرىمىزنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەپ، بىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزگە يۈكسەك باھا بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇشۇنداق ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنىڭ ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەقىقەت مۇقەررەر ھالدا سەپسەتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرسىلا، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.