تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ئادەمنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەدبىر

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ماخمۇت ئابدۇۋەلى

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ھە دەپ ئارىلىشىۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى. بۇنداق ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىدىغان، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ قارا چاپلايدىغان قىلمىش كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ غەزەپلەنمىگىنى يوق، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مەن شىنجاڭدا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىي، مېنىڭ بىلىم سىستېمام دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا سىستېمىلىق تەربىيەنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇزاق مۇددەت ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر بىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ۋىجدانىم، مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم جەزمەن كۆپچىلىككە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشىمغا تۈرتكە بولدى.

2019 - يىلى 10 - ئايدا، مەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردىم. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، مەن شەمشىقەمەر ئىسىملىك بىر ياش قىزنى ئۇچراتتىم، ئۇ بىر ئائىلىۋى ساياھەت باغچىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدىكەن ھەم ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. شەمشىقەمەر ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى، بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەندىم، بۇ مېنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشۇمغا قولايلىق ياراتتى؛ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، بۇ مېنى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىش ئارزۇيۇمغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. مەن تۇرمۇشۇمنىڭ رەڭدارلىققا تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش مېنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمنى كۈتمەكتە.» بۇ ياش، جانلىق قىزنىڭ سۆزى مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى، ئۇنىڭ چېھرىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان نۇر كۆز ئالدىمدىكى رەڭگارەڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گۈزەل كارتىنىغا ئايلاندى.

قەشقەر شەھىرىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، مەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، مەيداندا ۋاسكېتبول ئويناۋاتقان بىر قانچە ياش ماڭا مۇنداق دېدى: كۆپ قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملاپ، قايتىدىن جەمئىيەتكە قوشۇلدى. ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر تەربىيەلەنگۈچى ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ يەر بىر داشۆگە ئوخشايدۇ، بىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن ۋە ماھارەتنى ھەقسىز ئۆگىنەلەيمىز. ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن، ئۆيىنى بېزىتىدىغانلار كۆپەيدى، شۇڭا مەن ئىمارەت بېزەش كەسپىنى ئۆگىنىشنى تاللىدىم، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، چوقۇم تېزلا خىزمەت تاپالايمەن». تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى ئېتىراپ قىلىشى، قوللىشى ھەقىقىي، سەمىمىي. قىسقا ۋاقىتتا، بەزى ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغانلار، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەر بۇ يەردە ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئۆزگىرىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن زامانىۋى دېھقانغا ئايلاندى، ئۆزگىرىپ كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئۇلار مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، مانا بۇ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسى باش چەندۆڭ كەنتىدە، مەن ئابدۇقېيۇم ئىسىملىك بىر تەربىيەنى تاماملىغۇچىنى كۆردۇم، ئۇ ئۆزى قۇرغان كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا ئالدىراش ئىدى. ئابدۇقېيۇم تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، «گۈزەللىكنى سۆيۈش كىيىم - كېچەك زاۋۇتى» نامىدا كىچىك تىپتىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، 12 كەنت ئاھالىسىنى ئىشلىتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەندىم، يەنە كىيىم - كېچەك تىكىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدىم. ئىلگىرى مەن يەر تېرىشتىن باشقىنى بىلمەيتتىم، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە مەن ئارزۇيۇمنى تاپتىم، ئىشەنچىمنى تاپتىم. ھازىر زاۋۇتۇمدا 12 كىشى بار، ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەردىن كەلگەن بولۇپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغانلار، ئۇ يەردە ئۇلار كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، بىز تىككەن كىيىملەر ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، خوتەن شەھىرى، قەشقەر شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىيىم - كېچەك دۇكانلىرى بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى زاكاز قىلدى». 12 ئىشچىنىڭ ئارقىسىدا 12 ئائىلە بار، بۇ 12 كىشىنىڭ ئۆزگىرىشى 12 ئائىلىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى ھەم بۇ كەنتتە ئۈمىد ئوتىنى ياندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا. ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى، مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تەربىيەنى تاماملىغان بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئارزۇسىنى ھېس قىلدىم، سوراپ باقاي: دۇنيادا نەدىمۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئوخشاش ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان «جازا لاگېرى» بار؟

مېنىڭچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئۇيغۇر مىللىتى ئىلگىرىكى بېكىنمە ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، زامانىۋىلىشىشنىڭ كەڭ يولىغا قەدەم قويدى. بىز بۇ يەردە بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى كۆرەلەيمىز.

يوللۇقلار ئەلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، يولسىزلار مەدەتسىز قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى غەرب تەرەپ ئاممىۋى پىكرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا، قارا چاپلىشىغا كۆپ قېتىم ئۇچراپ، غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بەردى، لېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزى ۋەيران بولمىدى، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. بۇ بىر قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرسەكلا، دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۈنۈملۈك لايىھە بىلەن تەمىنلىيەلىسەكلا، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوللاشقا ئېرىشىمىز. ئامېرىكا تەرەپ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى، قارا چاپلىدى، بۇ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرەلمىگەنلىكى، ئۇلار چىقارغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» بىزگە لازىم ئەمەس، چۈنكى بىزگە مەلۇمكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ «قانۇن لايىھەسى»نى چىقىرىشى دەل ئاغمىخاننىڭ توخۇنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگىنىدەكلا بىر ئىش − ھەرگىز ياخشى نىيەتتە قىلىنغان ئىش ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.