تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا

دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ نامراتلىق بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار قايتا - قايتا، قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، سۇيىقەست پەيدا قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يەنە ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى باشقا نەرسە بولماستىن، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى مەقسەتلىك توسۇش، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇقەررەركى ئۆزىگە ئىش تېپىشتۇر!

بىرىنچى، مەنزىرە بۇ تەرەپتە ئۆزگىچە ياخشى، خوتەن ئىناقلىق، گۈللىنىش، تەرەققىيات تېز يولىغا كىردى

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلدى، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىزنىڭ دەل ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ ياخشى قىلغان تەرەپلىرىمىز، سانسىزلىغان ئەمەلىيەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مىسلىسىز توغرا ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش يۈرۈشلۈك تەدبىرىنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەقىقىي، كونكرېت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى ئايانكى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئىچى يامانلىق قىلىپ، بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، خالاس.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۈپ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. دەل يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ سىجىل مۇقىم بولغان گۈزەل ئەتىگە قاراپ ماڭماقتا.

تارىخ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم بىر كۈن يوقىتىلمىسا، خوتەندە مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى قۇردى، ئۈچ يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈگىتىلىپ، ئائىلىلەر بىر - بىرلەپ قۇتقۇزۇۋېلىندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ناھايىتى زور غەمخورلۇق قىلىش ۋە مىسلىسىز مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر خوتەنگە جەمئىي 18 مىليارد 135 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، ئائىلىلەرگە ئوتتۇرىچە توغرا كەلگەن مەبلەغ 29 مىڭ 700 يۈەندىن ئېشىپ، 2 مىليون 530 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ناھايىتى زور ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا سىڭىشىش قەدىمى تېزلەشتى. بولۇپمۇ 2019 - يىلى 7 - ئايدا خوتەندە 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پەۋقۇلئاددە كۆيۈنۈشىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز، ئاپتونوم رايون خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپىغا جەمئىي 27 مىليارد 680 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى سالدى، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 9624.7 يۈەندىن توغرا كەلدى. خوتەندە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزىلارنى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىدە تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشلار ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويدى. 1949 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا ئاران 70 كارىۋات، تۆت تېببىي خادىم بولۇپ، ھازىرغىچە، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتى 1728گە، كارىۋات سانى 17 مىڭ 400گە يېتىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 11 مىڭ 600 كىشىگە يەتتى. خوتەندە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 1949 - يىلىدىكى 30 ياشقا يەتمەسلىكتىن نۆۋەتتىكى 77 ياشقا ئۆرلىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىكتىن ئالتە تۈر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 29 تۈر، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن 105 تۈر بولۇپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش كوللېكتىپى توققۇزغا، خەلق سەنئەتكارلىرى 2200 كىشىگە يەتتى. بۇ، جۇڭگونىڭ بىر يۈرۈش شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

خوتەندە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگىنىگە ئوخشىمايدۇ. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خوتەندە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇش نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىق.

ئىككىنچى، ئالۋاستى ھامان ئېگىز - پەس دەسسەپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، قەغەزدىكى «قانۇن لايىھەسى» نېمە قىلالايتتى

ئامېرىكا ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» قارىماققا ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا «كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك» ۋە «دىققەت قىلىۋاتقاندەك» كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى ئىنچىكە ئويلىساق، ئەكسىچە ئامېرىكىدىن مۇنداق سوئالنى سورىماي تۇرالمايمىز، 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن، شۇ چاغلاردا ئامېرىكا نەدە قالغان؟ سىلەر ئويلاپ يېتەلمىدىڭلار، شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تېخىمۇ ئوتتۇرىغا قويالمىدىڭلار، ئەكسىچە ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ»نى قەبىھ زوراۋانلىق سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، قوللاپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» «شەرقىي تۈركىستان» قاتارلىق مىللىي بۆلگۈنچى ۋە زورۋان - تېررورچى كۈچلەرگە يانتاياق بولۇپ، كۈچ بېرىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلدىڭلار.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، ئىناق، خاتىرجەم ئۆتۈپ، تارىختىكى تەرەققىيات ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، خوتەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈزبەردى. ھالبۇكى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئامېرىكا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، كەلسە - كەلمەس سۆزلەپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئاياندۇر.

ئامېرىكا بۇ «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى خام خىيال قىلدى، بىر تەرەققىي قىلغان جۇڭگو، قۇدرەتلىك جۇڭگو، ئىناق جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغان، گۈللەپ ياشنىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، شۇڭا پىسخىكىسى تەڭپۇڭسىز، ئىنتايىن بۇرمىلانغان. ئامېرىكىنىڭ رەزىل غەرىزىدىن ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى: ئامېرىكا پاكىتنى بۇرمىلاپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن قۇسۇر تاپتى، ئۇنىڭ غەرىزى قەستەن زىددىيەت پەيدا قىلىش، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، خوتەن خەلقى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىدى

مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ گۇۋاھ بولدۇم، مەنپەئەتلەندىم. مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ ھاكاۋۇر، ئەدەپسىز ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە كەلسە - كەلمەس قول تىقىشى ئالدىدا، مەن بۇ يەردە، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى:

بىز كۆزىمىزنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە يىرگىنىشلىك ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئۇلار ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار بىزنى قالايمىقان قىلىش، بىزنى ھالاك قىلىش نىيىتىدىن توختاپ قالمىدى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىرادىنى ساقلاپ، سەگەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، بولۇپمۇ خوتەندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياشلار، ئوقۇغۇچىلار دۈشمەننىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىزمۇ چۈشۈپ كەتمەسلىكى، «دوستنى يىغلىتىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان» ئىشنى تېخىمۇ قىلماسلىقى كېرەك.

بىز ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي ياخشى قوغداپ، ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توپلاپ، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.