تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەدەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىشىغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەدەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىشىغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. بۇ ساختا ئەپت - بەشىرىنى، زومىگەرلىك ماھىيەتنى كىشىلەر ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتكەن؛ تۈرلۈك سۇيىقەست، خام خىياللار ئېنىقكى بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەممىگە ئايانكى، كىشىلىك ھوقۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشاش ھوقۇقى بىلەن تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق، شۇنداقلا شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ باشقا ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ئەگەر بىخەتەر، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەسكە توختايدۇ، باشقا ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئاۋامنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، مال - مۈلكىگە زىيان سېلىپلا قالماي، تېخىمۇ يامىنى ئىنتايىن زور ساراسىمە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاۋامنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بىر چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇ جۇڭگونىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاساسىي روھى ۋە پىرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئالاقىدار تەدبىرلەر ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئېجىل، ھەرقايسى دىنلار ئىناق - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولۇۋاتىدۇ، جەمئىيەت كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى.

ھالبۇكى، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، جەمئىيىتى مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماستىن، ئەكسىچە پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدىكى ھەققانىي تەدبىرىگە داغ تەگكۈزدى، قارا چاپلىدى. بۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى تىپىك قوش ئۆلچەم بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ساختىپەزلىكى تولۇق ئاشكارىلاندى.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەرەپ ئۆز زومىگەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاللىبۇرۇن «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»تەك «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا كۆنۈپ قالغان. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە، سۇرىيە قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ، نەچچە مىليون بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۇرغۇن مۇساپىر يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولدى، لېكىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە شەكلىنى قوللىنىپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، بۇ قانداق داۋلى، قانداق لوگىكا؟ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ خىل مۇتتەھەم، يولسىز قوش ئۆلچىمى بارلىق ئادىل قەلبكە ئىگە ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، خالاس!

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ساختىپەزلىك، زومىگەرلىك قىلمىشىنى خەلقئارا جەمئىيەت بەس - بەستە ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئايان. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇشتىن ئىبارەت. خەلقئارادىكى نۇرغۇن زات شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى، زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇۋاپىقلىقىنى چۈشەندى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ئاشۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى، دەپ قارىدى.

نۆۋەتتە، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزم يەنىلا ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس. نۇرغۇن دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تۆھمەت قىلىش، ھۇجۇم قىلىشتەك رەزىل ئۇسۇلىغا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىلىملىك زاتلار لەنەت ئوقۇدى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەمنى دەرھال چۆرۈپ تاشلاپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ قۇسۇر تېپىشنى توختىتىشقا، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.