تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياخشى تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئاسىم

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاشتىكى مەقسىتى شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلاتماقچى بولغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆز دۆلىتىدىكى يەرلىك ئاھالە، رەڭلىك ئىرق، ئاز سانلىق ئۇرۇقداشلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ - يۇ، ياخشى نىيىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدامدۇ؟ شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايمەن، ئۇ پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانسىز قېتىم تەكرارلىغان باشقا دۆلەتلەرنى قالايمىقان قىلىشتىكى كىچىك ھىيلە - نەيرىڭىدىن ئىبارەت. ئەمما، مەن غەربنىڭ بۇ ۋىجدانسىز تاراتقۇلىرى ۋە جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭغا قايتا - قايتا قارا چاپلىشىغا ھەرگىزمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن.

مەن كۆپچىلىككە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەقىقىي ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي. بۇ يىل كۈزدىكى بىر كەچقۇرۇن، دوستۇمنىڭ ھەمراھلىقىدا، بىز مول، رەڭدار قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە سەيلە قىلدۇق، دوستۇم مېنى يول بويىدىكى بىر قەدىمىي تۈستىكى ناخشا - ئۇسسۇل چايخانىسىغا باشلاپ كىردى. چايخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىچىدە شەمشىنۇر ئىسىملىك بىر قىز بار بولۇپ، ئۇسسۇلنى بەك چىرايلىق ئوينىدى، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا چاۋاك چالدى. دوستۇم بىر نەچچە ئېغىز گەپ سوراپ، ئۇنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەن تەربىيەلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئۇ قانۇن بىلىملىرى، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپتۇ، ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشنىڭ نۇرغۇن داۋلىلىرىنى چۈشىنىپتۇ. ھازىر، شەمشىنۇرنىڭ تاكسى ھەيدەيدىغان بىر ئوغۇل دوستى بار بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ: ئارزۇيۇم ئازراق پۇل يىغىپ بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىش، دېدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئەمدى بېكىنىۋالمايدىغان بولغانلىقى، «پەقەت ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن بەختلىك تۇرمۇش يارىتالايدىغانلىقى»دەك داۋلىنى چۈشەنگەنلىكى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماڭا كۆرسىتىپ بەرگىنى بىر ھالاكەت يولى بولدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئۆزۈمنى بايقىدىم، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش يولۇمنى تاپتىم. مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن».

تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى نۇرمەمەت ئابلىز بىر سودىگەر بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر دورا دۇكىنىنىڭ لاۋبەنى، ئۇ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشتىكى ئەڭ زور ھاسىلاتى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن قانۇن - نىزاملىرىنى ئۆگىنىپتۇ، تەربىيەنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سودا قىلغاندا تېخىمۇ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىدىغان بوپتۇ. ئۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشتىن بۇرۇن، دورا دۇكىنى ئاران 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، ھازىر ئۇ 200 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكان ئاچقان بولۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كەسىپنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلانغاندا، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ دەل ئۆزىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇپ بولالمىغانلىقى، بىلىمسىزلىكى، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ ھازىر ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى، بالىسىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بالىسىنىڭ ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە چىقىشىنى قوللاپ، بالىسىنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش توغرا يولىدا مېڭىپ، كاللىسى سەگەك، دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا يېتەكلەش ئىكەن.

دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن تونۇشتۇم، ئايتىللا توختاسۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. ئۇ مەندە قىزغىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قەلبىدىن بىر خىل قەيسەرلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان تەسىرات قالدۇردى. ئۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىتىپتۇ، يەنە مۇزىكا دەرسىمۇ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاساسلىقى يېزىلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، بەزىلىرىنىڭ «زەھەرلىنىش»ى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن. ئۇلارنىڭ بالدۇرراق دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئىدىيەۋى يۈكتىن تەلتۆكۈس خالاس قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىپتۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا ئاز - ئازدىن نوتا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مۇزىكا دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپتۇ، ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىلاردا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بوپتۇ. ماھىنۇر بىر نازاكەتلىك ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ، گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتلىرىدە تەربىيەلەنگۈچىلەرگە بولغان قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان چوڭقۇر ھېسسىيات نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى كونكرېت ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈپ، پىنيىندىن باشلاپ ئۆگىتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپتۇ. «بۇ جەرياندا ناھايىتى سەۋرچان بولۇشىمىز، بىرمۇ تەربىيەلەنگۈچىدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك» دېدى ماھىنۇر. دەسلەپتە، سىنىپتا 40 نەچچە تەربىيەلەنگۈچى بولۇپ، بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ئوقۇغان، بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇغان بولغاچقا، ئاساسى تەكشى ئەمەس ئىكەن؛ يەنە بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەردە قارشىلىشىش كەيپىياتى بار بولۇپ، ئوقۇتۇشقا ماسلاشمايدىكەن. ماھىنۇر ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى تۈگۈننى تەھلىل قىلىپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئاپتۇ. تەربىيەلەنگۈچىلەر ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇلار ناھايىتى تېزلا بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەپ، بىلىمنىڭ كۈچىنى ھېس قىپتۇ. «مەن شۇنداق قارايمەنكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ توغرا قىپتىمەن، بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالىغانلىقىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان ئىش» دېدى ماھىنۇر ئەستايىدىل ھالدا.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ۋە بىر قىسىم سىياسەتۋازلار بىز قانۇن بويىچە ئاچقان تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاپ، بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار ياشلارنى تەربىيەلەيدىغان، قۇتقۇزىدىغان، ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى «جازا لاگېرى» دەپ ئاتىدى. مېنىڭچە، بۇ خۇددى بىر مۈگدەپ قالغان ئادەمنىڭ جۆيلۈشىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار بازارغا سالغان ئاتالمىش «جازا لاگېرى»غا قارىتا، چەت ئەللەردىكى سىياسىيونلار، تاراتقۇلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن جاۋاب بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، كورېيە رېنچۈەن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى چىقارغان يەكۈن بىزنىڭ «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش»تەك ئىدارە قىلىش ئىدىيەمىز، «گۈلنىڭ ھىدى 100 چاقىرىمغا، ئادەمنىڭ ھىدى 10 مىڭ چاقىرىمغا يېتەر» دېگەندەك ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۈنۈمىمىزدىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن بۇ خىل تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باھا بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت ئەزەلدىن غەربتىكى سىياسەتۋازلارنىڭ رەڭلىك كۆزەينەك بىلەن جۇڭگوغا قارىغانلىقى، شۇنداقلا بىر خىل ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى ساراڭلارچە جۆيلۈگەنلىكى. روشەنكى، جۇڭگو ئىقتىسادى، جەمئىيىتىدىكى غايەت زور تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش بۇ كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگكەن.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىنى قارىغۇنىڭ پىلنى سىلىغانلىقىدەك قالايمىقان سۆزلىشى غەرب تاراتقۇلىرى ۋە جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلارنىڭ ئادەتلەنگەن ھىيلە - نەيرىڭى بولۇپ، مەقسىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلماسلىق. بۇنىڭغا قارىتا، بىزدە سەگەك تونۇش بولۇشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، بىز شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇقتۇرۇپ، يالغان سۆزنى پاكىت ئالدىدا ئۆز - ئۆزىدىن تارمار قىلىشىمىز كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئىرادىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم، بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ «نېرۋىسى ئاغرىسا» ئاغرىۋەرسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.