تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدايمىز

قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئامما ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى

تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدايمىز

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، بۇ زومىگەرلىك قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا خالىغانچە قارا چاپلىغانلىق، ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىك، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق. بۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئامېرىكىنىڭ ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەرنىڭ تىنچ - ئىناق، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، قەتئىي قوغدايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ زورلۇق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ.

بىز ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى: شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. ھازىر، قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئارقىلىق قەشقەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، دىنلار ئېجىل - ئىناق، شەھەر - يېزا جەمئىيىتى تىنچ بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر مەكتەپتە قانۇن ئۆگەندى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگەندى، ماھارەت ئۆگەندى، نۆۋەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تەربىيەنى تاماملىدى ھەم كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تېپىپ، يامان ئەمەس كىرىمگە ئىگە بولدى، كۆپلىگەن ئائىلىلەر بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ، قەشقەرنىڭ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، شۇنداقلا قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي ئۆز تەسىراتى. ھالبۇكى، ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەستەن كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، جاھىللىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، جۇڭگوغا قەستەن قارا چاپلىدى، بوھتان چاپلىدى، ئۇنىڭ رەزىل غەرىزى «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنۇش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ!

بىز ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە تۈپتىن كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. تېررورىزم پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. قەشقەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئۆيلىنىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارغا ئارىلىشىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، جانغا زامىن بولىدىغان بىرمۇبىر پاجىئەلىك دېلولارنى قەستەن پەيدا قىلىپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلققە تۈگىمەس قايغۇ، يارا ئېلىپ كەلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، قەشقەر كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جاھىللىق بىلەن «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، پاكىتقا پەرۋا قىلماي، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، قوش ئۆلچەم قوللاندى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشقا لىق تولغان بولۇپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ!

بىز ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ ئەزەلدىن قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس؛ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇزاقتىن بۇيان، قەشقەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ئولتۇراقلىشىپ، ئورتاق ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىشلەپ، ئورتاق خۇشال - خۇرام ئۆتتى، ھەر مىللەت خەلق قانۇن بويىچە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى، باراۋەر مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلدى، ھەرمىللەت خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە قوغدالدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشتى. ھالبۇكى، ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، دىنلار ئېجىل - ئىناق بولغان ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى خالىغانچە ماقۇللاپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش رەزىل غەرىزىنى قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاللىقاچان ئېنىق تونۇپ يەتتى، قەتئىي قوشۇلمايدۇ!

ھەرقانداق تۆھمەتنىڭ ھەممىسى قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋانىڭ ھەممىسى قەشقەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى قەشقەرنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ. قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ! ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.