تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جەلپكار گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى نىجات مۇختەر

مېنىڭ ئىسمىم نىجات مۇختەر، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىن، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىپ قالغانىدىم.

2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ بىر كۈنى دوستۇم ماڭا خۇپىيانە ھالدا كەنتتە «ناھايىتى مەنىلىك» بىر جاينىڭ بارلىقىنى، بارسام چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا مېنى ئېلىپ ئەگرى - بۈگرى يوللاردا ماڭغۇزۇپ يوشۇرۇن بىر سورۇنغا ئېلىپ باردى. كىرىپ قارىسام، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئالدىدىكى كىشىنىڭ سۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن ئاڭلاۋېتىپتۇ. قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسام، ئۇلار مۇنداق دېيىشىۋېتىپتۇ: «دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى <كاپىر>، <كاپىر>لارنى ئۆلتۈرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ. جەننەتتە نېمە دېسە شۇ بار.» شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم، شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى ئىشەنمەسلىكتىن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەسلىككە، ئاندىن پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە ئۆتتۈم، كاللام يۇيۇلدى. يىرگىنىشلىك دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنىڭ قېنىمغا سىڭىپ كىرىپ، روھىمنى تىزگىنلەپ، مېنى ئىدارە قىلىۋالدى، مەن «غازات يولىدا شېھىت» بولغانلارغا چوقۇنىدىغان بولدۇم، ئۇلارنى باتۇر «جەڭچى» دەپ قاراپ، ئۆزۈمنىڭمۇ «غازات قەھرىمانى» بولۇشۇمنى خىيال قىلدىم.

2012 - يىلى 11 - ئايدا مەن ھازىرقى خوتۇنۇم بىلەن تونۇشتۇم، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە، توي خېتى ئېلىش مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ قاراپ، ئاتالمىش «دىنىي زات» چاقىرىپ ئايەت ئوقۇتۇپلا توي قىلدىم. ئايەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ كاللام ئايەت ئوقۇغۇچىنىڭ «كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش، كۆپرەك غازات جەڭچىلىرىنى تەربىيەلەش» دېگەن سۆزلىرى بىلەن تولدى، پۈتۈن خىيالىم خوتۇنۇمنىڭ كۆپرەك بالا تۇغۇشىدىلا ئىدى. ئۈچىنچى بالام تۇغۇلغاندا خوتۇنۇمنىڭ سۈتى يېتىشمەي مېنىڭ قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋېلىشىمنى ئېيتتى، ئەمما مەن خوتۇنۇم «كاپىر»لار ئىشلەپچىقارغان نەرسىنى يېسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ ئويلىدىم.

ئاتالمىش «دىنىي زات» ماڭا باشقىلار چوقۇنىدىغان «قەھرىمان» بولۇش ئۈچۈن، «غازات» ئۈچۈن كۆپرەك مەبلەغ توپلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن تىرىشىپ ئىشلىدىم، تاكسى ھەيدىدىم، توخۇ قوردىقى دۇكىنى، كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى، بىليارتخانا، مۇز تېيىلىش مەيدانى ئاچتىم.

تاكسى ھەيدىگەن ۋاقتىمدا، مەن ھەر قېتىم مودا كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماشىنا توسۇغىنىنى كۆرسەم، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ، كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سالاتتىم، ھەتتا تاكسى بىلەن سوقۇۋېتىش نىيىتىگىمۇ كەلگەنىدىم.

توخۇ قوردىقى دۇكىنى، كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى ئاچقان مەزگىلدە، مەن ئەزەلدىن «كاپىر»لارغا قاراپمۇ قويمايتتىم، بەزىدە ھەتتا يامان گەپلەرنىمۇ قىلىپ قوياتتىم. بىر قېتىم، دۇكانغا توخۇ قوردىقى يېيىشكە بىرنەچچە خەنزۇ مېھمان كەلدى، ئۇلارنىڭ «كاپىر» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دۇكاننى تاقايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مېھمانلار دۇكاندا نۇرغۇن ئادەمنىڭ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەمما مەن ئۇلارغا سېتىپ بەرمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوزىتسىيەم ناچار بولغاچقا، ۋارقىرىشىپ قالدۇق. مەن ئاچچىقىمنى باسالماي دۇكاندىكى چەيدونى ئېلىپ ئېتىلىپ بېرىپ ئۇلارنى چانىماقچى بولدۇم. باشقىلار توسۇۋالدى، مەن يەنە ئۇلارنى مۇنداق دەپ تىللىدىم: «مەن سىلەردەك <كاپىر>لارغا تاماق ساتمايمەن، ھامان بىر كۈنى سىلەرنى چاناپ ئۆلتۈرىمەن».

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، مېنىڭ روھىي ھالىتىم ئىنتايىن ناچارلىشىپ، بېكىنمە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئالاقىلىشىش دائىرەم بارغانسېرى تارايدى، «كاپىر» قوشنىلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىشنى خالىمايدىغان بولدۇم، تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى خالىمايدىغان بولدۇم، خوتۇنۇمنى گىرىم قىلدۇرمىدىم، بالام ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارمىدىم. كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغانلىقىمنى، قىلمىشىمنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش جەريانىدا، مەن قانۇن لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، قانۇن تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈپ، ئاستا - ئاستا خۇدىمنى تاپتىم. كېيىن يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، تېررورچىلار پەيدا قىلغان زوراۋانلىق جىنايەت دېلولىرىنىڭ ھەممىسى قانلىق بولۇپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرەتتى، مەن چۆچۈدۈم، ۋىجدانىممۇ ئەيىبلەندى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندىم، ھازىر مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم.

«ئىدىيە - ئەخلاق دەرسى» ۋە «ئۆيلىنىش قانۇنى»نى ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى مەسلىكى ئىدىيەسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، خوتۇنۇمغا قانچىلىك ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خوتۇنۇمنى ھۆرمەتلىشىم كېرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مەن خاتالىقىم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم، قەلبىم خوتۇنۇمغا بولغان خىجىللىق ھېسسىياتىغا تولدى. بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوتۇنۇمغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ پۇلدىن قىسىلىۋاتامسىز؟ دەپ سورىدىم. مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدىم: «ئىككىمىز توي قىلغىلى شۇنچە ئۇزاق بولدى، سىزنى ئۇۋالچىلىققا قويدۇم، ئىلگىرى مەن خاتا قىپتىمەن، جاپا چەكتىڭىز، مەن سىزگە بىر ئۆمۈر ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن». شۇ ھامان، مەن تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەن خوتۇنۇمنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇ قېتىم خوتۇنۇم بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان بولدۇم، خوتۇنۇممۇ ماڭا گەپ قىلغاندا بۇرۇنقىدىن كۆپ مۇلايىم بولۇپ كەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىز ئېجىل - ئىناق بولۇپ، ئائىلىمىز كۈلكە - چاقچاققا تولدى. ماڭا ئايانكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ تەربىيەسى ئىدىيەمنى ئۆزگەرتكەنلىكى، خوتۇنۇمغا بولغان پوزىتسىيەمنى ئۆزگەرتكەنلىكى، بەختلىك ئائىلىگە قايتىدىن ئېرىشتۈرگەنلىكىدىن بولغان.

ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ھەر قېتىم ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقاندا، خوتۇنۇم دائىم ناھايىتى خۇشال ھالدا ماڭا مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرىنى، ئائىلىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەم ئۆزىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. خوتۇنۇمنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۈپ، ئىلگىرى ئۇنىڭغا ۋە بالىلىرىمغا ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى، ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بىرەر قۇر كىيىم ئېلىپ بەرمىگەنلىكىمنى، بالىلىرىمغا بىرەر ئويۇنچۇقمۇ ئېلىپ بەرمىگەنلىكىمنى ئويلىسام، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ.

2019 - يىلى 3 - ئايدا، مەن تەربىيەلەش مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىدىم. ھازىر مەن كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدىم. بۇ ئىككى يىلدا قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار، مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرىدىغانلار، كارخانا قۇرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن چوقۇم خوتۇنۇمغا ياردەملىشىپ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى ئاشخانىسى ئېچىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلپكار گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.