تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەينەك سودىسىنى بارغانسېرى ياخشى قىلىمەن

خوتەن ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى شىرئەلى روزىئايىت

مېنىڭ ئىسمىم شىرئەلى روزىئايىت، 29 ياش، ئۆيۈم خوتەن ناھىيەسىدە. مېنىڭ بىر ئۇنتۇلغۇسىز تەلىم - تەربىيە تۇرمۇش كەچۈرمىشىم بار، كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىشنى خالايمەن.

مېنىڭ دادام روزىئايىت ئەمرۇللا بۇ يىل 52 ياش، دادام مەن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا سودا قىلىشقا باشلىغان، خوتەن شەھىرىدە دۇكان ئاچقان، دائىم ئۆيگە قايتمايتتى. ئاپام ھۆرنىسا مەمەت بۇ يىل 50 ياش، تېنى ئاجىز، كېسەلچان. ئۇلار ياش ۋاقتىدا ماڭا يەنە بىرنەچچە ئىنى ياكى سىڭىل تۇغۇپ بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا ئىزچىل ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىكەن. ئاپام 46 ياشقا كىرگەندە، يەنى تۆت يىل ئىلگىرى ئاپام ماڭا بىر ئىنى تۇغۇپ بەردى، ئىنىم بۇ يىل كەنت يەسلىسىگە كىردى.

دادامنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، مېنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجەم ياخشى ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسى ئۆتۈلسىلا دەرستىن قېچىپ ئوينايتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەندە مەن پەقەت «ياخشىمۇسىز» دېگەندەك ئاددىي سۆزلەرنىلا قىلالايتتىم.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدا، مەن دائىم تورخانىغا بېرىپ تورغا چىقاتتىم، دائىم ئىسمىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بىر قىسىم تور بېكەتلىرىگە كىرەتتىم، پەقەت كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولسىلا، كىرىپ كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم، كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرچە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت سىنلارنى بايقىدىم، بۇلار مېنى دەرھال جەلپ قىلدى. ئاساسىي مەزمۇنى «دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ، دۆلەت بەرگەن تۈرلۈك ياردەم پۇللىرىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇسۇلمانچە ئەمەس، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ»... بۇ گەپلەردىن قايمۇقۇپ قالدىم، كۆرگەنسېرى كۆرگۈم كەلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت كادىرى، ھەتتا كەنت كادىرلىرى ئۆيۈمگە كەلسە مەن ئۇلارنى تىللىدىم، ئۇلارنى قوغلىدىم. مەن دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى رەت قىلدىم، تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوبۇل قىلمىدىم، ئائىلەمدىكىلەرنى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشتۇرمىدىم، گەرچە بىزنىڭ ئۆي خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمىن ئۆي سېلىشنى خالىمىدىم، ئۇ پۇلنى مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ قارىدىم.

كەنت كادىرلىرى مېنىڭ نورمالسىز قىلمىشلىرىمنى كۆرۈپ مەن بىلەن سىرداشتى، سۆزلەشتى، شۇنداقلا ماڭا قانۇندىن لېكسىيە سۆزلىدى. دەسلەپتە مەن ئۇلارغا ئازراقمۇ ئىشەنمىدىم. كېيىن ئاپام ئاغرىپ قالدى، مەن ئەسلىدە ئاخۇننى ئەكېلىپ ئوقۇتۇپ ئاپامنى ساقايتاي دەپ خىيال قىلغانىدىم، قوشنىمىز جىددىيلەشكەنچە مۇنداق دېدى: «ئۇنداق قىلسا ياخشى بولۇپ قالامتى؟ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشىمىز كېرەك.» ۋاقتىدا ئاپىرىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپامدا چوڭ چاتاق چىقمىدى. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەن كەنت كادىرلىرىنىڭ ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى ئويلىنىشقا باشلىدىم، داۋلىسى باردەك ھېس قىلدىم. كېيىن كەنت كادىرلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى، شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن 2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئۆگىنىشكە باردىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئەمدىلا كىرگەن چاغدا، مۇئەللىم ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلار مېنى قايتا - قايتا ئىزدەپ مۇڭدىشىپ، ماڭا ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ بەردى. مەن ئاستا - ئاستا كۆڭلۈمنى توختىتىپ، دەسلەپكى چاغدىكى گۇمانلىنىشتىن، سىناپ ئۆگىنىشكىچە، يەنە پۇرسەتنى قەدىرلەشكىچە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە تۈرلۈك قانۇن - نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم ھەم كىچىكىمدىن ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇل دەرسىنى ئۆگىنىشكە قاتناشتىم. راست گەپنى ئېيتسام، مەن ئاشۇ ئەسەبىي ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتىمۇ، ئۇسسۇل ئويناشنى بەكمۇ ئۆگەنگۈم بار ئىدى، لېكىن ئەينى چاغدا ئۇسسۇلغا بولغان ھاياجىنىمنى بېسىۋېلىپ، چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانتىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دادىللىق بىلەن ھەر خىل ئۇسسۇللارنى ئويناشقا باشلىدىم، بىزنىڭ مىللىي ئۇسسۇلىمىز بار، تانسا بار، يەنە جىڭجۈ تىياتىرىدىكى چامباشچىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ بار. كۆپچىلىك مېنى ناھايىتى ياخشى ئوينىدى دەپ قاراپ، سانسىزلىغان چاۋاكنى ماڭا سوۋغا قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ھەربىر كۈننى مەن خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدۈم. بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ، بېشىمدىن ئايىغىمغىچە، ئىچىمدىن تېشىمغىچە ئۆزگەردىم.

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەن تەربىيەنى تاماملىغان ئاشۇ كۈنى، ئۆيگە قايتىپ ئاپامغا يۈزىنى يۇيىدىغان سۇ ئەكېلىپ بەردىم، يەنە تۇنجى قېتىم ئۇنى ئۇۋۇلاپ قويدۇم. ئاپام بۇنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ قالدى، ئاۋۋال يىغلاپ، ئاندىن كۈلدى، ئارقىدىن يەنە يىغلاپ ئاندىن يەنە كۈلدى. شۇ كۈندىكى مەنزىرىنى مەن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمەن.

ئىلگىرى مەن ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار ئىدىم، دۆلەت كادىرلىرىنى تىللايتتىم، كۈنبويى سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرەتتىم، ئىش قىلىپ پۇل تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە ئايالىمنى سىرتقا چىققىلى قويمايتتىم. ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ، ئۇنى دەرھال يەيدىغان نەرسە تەييارلاشقا بۇيرۇيتتۇم، ئاستىراق بولۇپ قالسا بولمايتتى، مەن رازى بولمىساملا، ئۇنى تىللايتتىم، ھەتتا ئۇنى ئۇراتتىم. ھازىر ئويلىسام، ھەقىقەتەن ھازىرقى زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئەر كىشىگە ئوخشىماي قاپتىمەن. ھازىر ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىمەن، ئۇ تاماق ئەتسە مەن كۆكتاتلارنى يۇيۇشۇپ بېرىمەن، يەنە قاچا - قۇچىلارنى يۇيىمەن، ئۇ مېنى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپسىز دەيدۇ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىدۇ.

مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، دادامغا ياردەملىشىپ ئەينەك دۇكىنىنىڭ سودىسىغا قارىشىپ بېرىشكە باشلىدىم، پۇتۇڭخۇادا دۇكانغا كەلگەن خېرىدارلار بىلەن سودىلاشتىم، سودىمىز بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، دادام خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. ھازىر مەن دوستۇم بىلەن شېرىكلىشىش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، بىر ئەينەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، دادامنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن نۇرغۇن بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىدىم، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق پۇل تېپىپ ئاتا - ئانامغا ۋاپادارلىق كۆرسەتتىم، ئۇلارغا ياخشى يېمەكلىكلەرنى، چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم، قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.