تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن يۇرتۇمدىكى ئاچا - سىڭىللىرىمنى گۈزەللەشتۈرىمەن

قاراقاش ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى تۇنىسا مەتروزى

مەن 2018 - يىلى 4 - ئايدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئەينى چاغدا مۇنداق بىرنەچچە تەرەپتىكى سەۋەبلەر بار ئىدى: بىزنىڭ كەنتتە بۇنىڭدىن بۇرۇن تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان بىرنەچچە تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەنى تاماملاپ ئۆيىگە قايتقاندا، كۆپچىلىك ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى زورلۇقى، پاكىز ھەم روھلۇق بولۇپ كەتكەنلىكى، ئەزەلدىن دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىغانلارنىڭمۇ سۆزلىشەلەيدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى تەلىم - تەربىيە ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن، دەپ ھېس قىلىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن ئۆزۈمدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ساقلانغانلىقىنى، جەزمەن تەربىيەنى قوبۇل قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

2013 - يىلى، مەن قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن. مەكتەپتە گىلەم توقۇش كەسپىنى ئۆگەنگەن بولساممۇ، بىراق بازار ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ماڭا قىلىدىغانغا ئىش چىقماي، 20 ياشقا كىرمەيلا توي قىلدىم. ئەينى چاغدا قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە دائىم نۇرغۇن كىشى توپلىشاتتى، كەنتتە مەسچىت بولسىمۇ ئۇلار بارماستىن، بەلكى ئۆيگە توپلىشىپ ناماز ئوقۇيتتى، يەنە بىز كۆرگەن خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى «كاپىر»لار، ئۇلار ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە ئەمەس، «كاپىر»لارنىڭ شەپقىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، يۈرەكلىك ھالدا «كاپىر»لارغا قارىتا «غازات» قىلىپ، ئاللاھقا تەقۋادارلىق ۋە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش كېرەك، دەپ ئېيتتى... شۇ چاغدىن باشلاپ، بەزى ئەسەبىي ئىدىيەلەر مېنىڭ كاللامدا يىلتىز تارتتى. مەن بارغانسېرى بېكىنىۋېلىپ، ئۆيدىن ئىنتايىن ئاز چىقىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۆيدىن چىققاندا باشقا مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى ئۇچراتساملا ئۇلارنى قوغلاپ تىللايدىغان، ئۇرىدىغان بولدۇم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلگەندىن كېيىن مەن خۇددى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ئېيتقانغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم: تاماققا، يېتىپ - قوپۇشقا پۇل ئالمايدىكەن، بارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىغىمۇ پۇل خەجلىمەيدىكەنمىز، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، دۆلەت قانۇن - نىزاملىرىنى ئۆگىنەلەيدىكەنمىز، يەنە بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنەلەيدىكەنمىز. مەن كۆپچىلىكنىڭ مەكتەپتە ھەر كۈنى ناھايىتى خۇشال - خۇرام ئۆتىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىش ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. مەن تىكتاك توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن ھەم دائىم ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئوينايمەن. ھەر كۈنى سەھەردە ۋاقتىدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈش قاتارلىق ئەتىگەنلىك چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن، ناشتىدىن كېيىن دەرس باشلىنىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىر دەم ئۇخلىغىلى بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن داۋاملىق ئۆگىنىمەن ھەم ئۆزۈم قىزىقىدىغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن. ھەر كۈنى دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ ۋە بىليارت ئوينايدىغانلار بار، خەلقئارا شاھمات، قورشاۋ شاھمات ئوينايدىغانلار بار، يەنە، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار ۋە رەسىم سىزىدىغانلار بار، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن رىتىملىق بولۇپ، كۆپچىلىك خۇشال - خۇرام ئۆتتۇق، ھەربىر كۈننى قەدىرلىدۇق. ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ياخشى تازىلىق ئادىتى ۋە كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى، ئىلگىرى بىز بۇلارنى ئۆيىمىزدە ئۆگىنىشكە ئامالسىز ئىدۇق.

مەن ئەسلىدە گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشى ئىدىم، لېكىن، ئاشۇ بىرقانچە يىلدا كۆپچىلىك ئاياللار گۈزەل بولمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئاشۇ قاراشلارغا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇغۇلۇشىمىزدىنلا ناخشا ئېيتالايمىز، ئۇسسۇل ئوينىيالايمىز، نېمە ئۈچۈن چەكلىنىدۇ؟ مەن مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئېنىق جاۋابىغا ئېرىشتىم. بىز ئايال قېرىنداشلار، كۈنىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز، ئەرلەرنىڭ قوشۇمچە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك!

مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەندىم، بۇ يىل 2 - ئايدا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاشتىم. پۇلۇم بولمىغاچقا، بىزنىڭ يېزا باشلىقى ھەبىبە يۈسۈپنى ئىزدىدىم. ئۇ مېنىڭ ئويۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇش بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن ماڭا ياردەملىشىپ ئەقىل كۆرسەتتى. ناھايىتى تېزلا، ئۇ ماڭا بىر دۇكان تېپىپ بەردى، يەنە ئاياللار بىرلەشمىسى ئارقىلىق ماڭا ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغۇزۇپ بەردى. تىجارەت باشلىغان كۈنۈم، مەن مۇزىكا ئەترىتىنى تەكلىپ قىلدىم، ناغرا - سۇنايلار چېلىندى، تەسىرى ناھايىتى زور بولدى، ئەتراپتىكى كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىش ۋە قايىل بولۇش نەزەرىدە قاراشتى.

مېنىڭ چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىمنىڭ ئىسمى «مېيلىئېر»، قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق خېرىدار گۈزەللىشىدۇ، يەنە كۈلۈشىدۇ، دېگەن مەنىدە. ھازىر، يېزىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى، قولى پۇل كۆرگەندىن كېيىن، كېلىپ چاچ گۈزەللەشتۈرىدىغانلار دۇكىنىمغا پاتماي قالدى. دۇكىنىمدا چاچ گۈزەللەشتۈرۈپ چىققان ئاچا - سىڭىللار ناھايىتى خۇش بولۇشۇپ، ھۈنىرىڭىز ياخشى ئىكەن، بىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتتىڭىز، دېيىشتى.

مەن ھازىر بىر ئايدا 6000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، نامرات ئائىلىدىن ئىككى قىزنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدىم، ئۇلار بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى. كېيىن، مەن يەنە بىرقانچە كىشى قوبۇل قىلىپ، دۇكىنىمنى كېڭەيتىمەن.

مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بەختلىك تۇرمۇشنى ئىككى قولىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ يارىتىمىز، ھۇرۇنلۇق قىلساق ياخشى كۈن كەچۈرگىلى بولمايدۇ، ئاسماندىن پوشكال چۈشمەيدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.