تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئېزىپ قالغان مېنى قايتا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى سۈبىنۇر مەمتىمىن

مېنىڭ ئىسمىم سۈبىنۇر مەمتىمىن، بۇ يىل 23 ياش، ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگۈچى ئىدىم، ھازىر قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشچىسى. مېنىڭ ھېكايەمنى يەنىلا كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ چاغلار مەن تېخى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم، مېنىڭ قوشنام ئاينۇر ماڭا ئوغرىلىقچە ئىككى پارچە كىتاب بەردى ھەم ماڭا ئاستاغىنا: «سۈبىنۇر، بۇ بىرقانچە كىتابنى ئاۋۋال كۆرۈپ بېقىڭ، چوقۇم ھاسىلاتقا ئېرىشەلەيسىز» دېدى. قىزىقىش ئىچىدە، مەن بۇ كىتابلارنى ئالدىم، كۆرۈۋېتىپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئىلگىرى مەن كۆرگەن دەرستىن سىرتقى كىتابلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئەڭ دەسلەپتىكى قىزىقىشتىن تەدرىجىي مەپتۇن بولدۇم. ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر، ئاينۇر ماڭا كىتاب بېرەتتى، يەنە دائىم مېنى ئۆيىگە كېلىپ مۇڭدىشىشقا تەكلىپ قىلاتتى، ماڭا ئاتالمىش «دىنىي بىلىملەر»نى ئۆگىتەتتى.

ئاينۇر دائىم ماڭا: «جەننەت» ناھايىتى گۈزەل، خەجلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان پۇل بار، يەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مەززىلىك تائام بار، كىيىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان چىرايلىق كىيىملەر بار، مەخسۇس بىزنى كۈتىدىغان چاكارلار بار... سىز نېمىنى ئويلىسىڭىز، شۇ نەرسە بار، دېدى. مەن ئۇنىڭ دېگەن گېپىگە چوڭقۇر ئىشىنىپ، گۇمانلانمىدىم، ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ جەننەتكە كىرەلىشىمنى ئۈمىد قىلدىم.

ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە ئۆيدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بولساممۇ، ئەمما مېنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئېرىشىش تەلىپىم يەنىلا تەلۋىلەرچە ھەم قەتئىي بولدى، مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوشۇرۇنچە تەرغىب قىلىدىغان بىر قىسىم كىتابلارنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش بىلەن قانائەت قىلماي، بەلكى دىققەت نەزەرىمنى تورغا يۆتكىدىم، قانچىلىغان كېچىلەردە، مەن ساقلىۋالغان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلىرىنى تەكرار - تەكرار چەكتىم، زوراۋان مەنزىرە، قانلىق كۆرۈنۈش، مېنى ناھايىتى روھلاندۇردى.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كەڭرى تارقىتىش ئۈچۈن، مەن كۆپلىگەن قانۇنسىز تور سۇپىسىدا ھېسابات نومۇرىنى تىزىملىتىپ، توردىن تەرەپ - تەرەپتىن مىلتىق ياساش، بومبا ياساشنى، زەربە بېرىشتىن قانداق قېچىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغدىم ھەم يامان غەرەزدە تارقاتتىم، تور مېنىڭ «قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي»ىمغا ئايلاندى. «كاپىر»لارنى يوقىتىش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنىڭ پۈتۈن كاللامنى ئىگىلەپ، قېنىم ۋە يىلىكىمگە سىڭىپ كىردى.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدە كاللام يۇيۇلغاندىن كېيىنكى مەن، تېخىمۇ رادىكاللىشىپ كەتتىم. تۇرمۇشتا، ھەتتا، كىيىم - كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوخشاش مۇشۇنداق يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىمۇ، ئەگەر ئۆز مىللىتىمنىڭ كارخانىلىرى ياكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلمىغان بولسا، مەن قەتئىي سېتىۋالمىدىم. شۇنداق بولۇپلا قالماي، مەن يەنە تونۇيدىغان كىشىلەرگە خەنزۇلار ئىشلەپچىقارغان تاۋارلارنى ماڭا ئوخشاش چەكلەشنى جېنىمنىڭ بارىچە ئېيتتىم. گېپىمنى ئاڭلىمىسا، ئاياپ ئولتۇرماي ئۇلار بىلەن ئالاقەمنى ئۈزدۈم. بىر قېتىم مېنىڭ بالىلىق چېغىمدىكى دوستۇم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، مېنى يېڭىدىن ئېچىلغان «خوبا» رېستورانىدا يىغىلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندە، ئۆيدىكىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بۇلارنىڭ ھەممىسى، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى، نەق مەيداندا ھاراق بوتۇلكىلىرىنى چېقىۋەتتىم، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئاچچىقىمدا ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم، بىر مەيدان ياخشى يىغىلىش مېنىڭ قالايمىقانلاشتۇرۇشۇم سەۋەبلىك كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى.

ئۇ چاغدا، بىرەر جايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرگەنلىكىنى ئاڭلىساملا، مەن ئالايىتەن سۈرۈشتۈرۈپ، ئاشۇ زوراۋانلارنى «مىللىي قەھرىمان» دەپ قارايتتىم. كۇنمىڭدا «1 - مارت» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، خەۋەردىن دېلو سادىر قىلغانلارنىڭ ئىچىدە مەندىنمۇ كىچىك بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇ قىزنى «ئۈلگەم» دەپ قاراپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە «كاپىر»لارغا جەڭ ئېلان قىلىشنى خىيال قىلىپ يۈردۈم.

ئۆيدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن مەن ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتىم.

ئۆگىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەن يەنىلا دىنىي قائىدىلەرلا ئۇيغۇرلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر مىزان دەپ قاراپ، تەربىيەلەش - باشقۇرۇشقا ماسلاشمىدىم. سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇتقۇچىمۇ، يېتەكچىمۇ ماڭا قايتا - قايتا داۋلى چۈشەندۈردى، قانۇن چۈشەندۈردى، سىياسەت چۈشەندۈردى؛ چۈشكۈنلەشكەندە سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا نەسىھەت قىلدى، تەسەللى بەردى. بۇ مەزگىلدە، مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىنىڭ قانۇننى چۈشەنمەسلىك، قانۇننى بىلمەسلىك، قانۇنغا رىئايە قىلماسلىق سەۋەبىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلو مىساللىرىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.

2018 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مېنىڭ 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مەن ياتاقتا يېتىپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇتقۇچى بىر چوڭ تورتنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا: «سۈبىنۇر، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!» دېدى، مەن دەماللىققا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇلايىم چېھرىدىن ئىللىق ئېقىم يۈرىكىمگە تارىدى، مەن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە مەن ئىزچىل تەسىرلەندىم، بۇ يەردە قۇرۇق ۋەز - نەسىھەتلەر يوق، سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىدىغان تەربىيە بار؛ بۇ يەردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن بۇلغىنىش يوق، قەلبنى پاكلايدىغان بۇلاق بار؛ بۇ يەردە بېسىم ۋە قاراڭغۇلۇق يوق، ئەركىنلىك ۋە يورۇقلۇق بار.

مەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان قىلىمەن، چىن كۆڭلىدىن خەلقنى كۆزلەيدىغان، بىزگە ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تىرىشىپ بىزنى تەربىيەلىگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا، مەن پەقەت ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا جاۋاب قايتۇرىمەن، مېنى قۇتقۇزۇۋالغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

بىلىپ - بىلمەيلا، باشقا ساۋاقداشلارمۇ چۆرىدەپ كېلىپ، بىللە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتى، مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىدەك ھېس قىلدىم، بۇ ئۆمرۈمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تۇغۇلغان كۈن بولدى.

گەرچە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش بەختسىزلىك بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئېنىقكى بەختىم. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن «ئاساسىي قانۇن» «جىنايى ئىشلار قانۇنى» «ئۆيلىنىش قانۇنى» «پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلارنى ئۆگەندىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىدىم، ئىدىيەمدە ئۆزگىرىش بولدى. مەكتەپ تەشكىللىگەن باھالاشتا، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەم لاياقەتلىك بولدى، قانۇندا ئۆلچەمگە يەتتىم، ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىدىم، 2018 - يىلى 10 - ئايدا مەن تەربىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم ھەم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىغا ئايلاندىم. ھازىر مەن يەنە سېخ مۇدىرى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 2500 يۈەن. ناھىيە بازىرىدا، مەن يەنە بىر يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلدىم.

ئەگەر تەلىم - تەربىيەگە قاتناشمىغان بولسام، بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە مەن بىر كەچۈرگۈسىز زوراۋانغا ئايلانغان بولاتتىم. ماڭا ئايانكى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىدىن كەلگەن، بۇ مېنى قايتا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.