تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق رەزىل ئويۇنى

شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى، پىروفېسسور زۇلھايات ئىسمايىل

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئويناپ، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يالغان خەۋەرلىرى ۋە ساختا گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى، پۈتۈنلەي مۇتتەھەملىك، يولسىزلىق، چېكىدىن ئاشقان بىمەنىلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان بۇ «قانۇن لايىھەسى»دە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان «قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق داۋاملىق شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىق. ئۇلارنىڭ دەبدەبىلىك كىشىلىك ھوقۇق تونىغا يوشۇرۇنغىنى دەل شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش، جۇڭگونى توسۇشتەك يامان نىيەتتۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيەنى قالايمىقان قىلغانلىقى بىلەن ئوخشاش.

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە دىن، مىللەت، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى.

تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولغىنىغا ئۇزاق بولدى. دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا، نۇرغۇن كىشى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ياكى قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلدى، مەجبۇرلاندى، قايمۇقتۇرۇلدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زەھىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقتىن، نورمال تۇرمۇش بىلەن قانۇننىڭ چەك - چېگراسىنى ئەقلىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولدى، ئەگەر ئۇلارغا قارىتا پائال ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىلمىسا، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئۇلارغا بولغان ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال جەمئىيەت تۇرمۇشىغا سىڭىشىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋالغا قارىتا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشىدە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم قانۇن بويىچە ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى، ھەم دىنىي ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەر ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ قېلىندى. قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قارىتا سىستېمىلىق تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىشى، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشىنى توسۇش، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى ھەم دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ياردەم بېرىپ تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. «مەركەزلىك تەربىيەلەش، ياتاقلىق تۈزۈمدە ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيەلەش» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەقسىز كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەر باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، تەربىيەنى تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياردەملىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئىجابىيلىق بىلەن تەنقىدىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تۈرلۈك خاتا قاراشلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە يېتەكلىدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ۋە كونتروللۇقىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەلىم - تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. قانۇن - نىزام، مىللەت - دىن سىياسىتى ۋە دىن بىلىملىرىنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆگىتىش ئارقىلىق، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ خەۋپىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەتتى، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىزم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، تىرىشىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇتتى، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇردى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى نەزەرىيەۋىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا ئومۇميۈزلۈك سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، قانۇن بىلىملىرى دەرسلىكى تەسىس قىلدى، يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، مەن سىنىپ، ئاشخانا، ياتاققا كىرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن كەڭ پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئەركىن مۇھىت ۋە جانلىق كەيپىياتتا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلىگەنلىكىنىلا ئەمەس، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىزمنىڭ دىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق تونۇپتۇ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپتۇ. كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر مۇئەييەن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپتۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆلچەمگە يېتىپ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملاپتۇ، بەزىلىرى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپتۇ، يەنە بەزىلىرى ئۆز - ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇپتۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

لېكىن، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا يەككە تەرەپچىللىكنى يولغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، «جازالاش» «كىشىلىك ھوقۇق» كالتىكىنى خالىغانچە پۇلاڭلىتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر زەربە بېرىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى. شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى چىقىرىش ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى يەنە بىر قېتىملىق شەرمەندە، رەزىل ئويۇنىدۇر. ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، گەرچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 23 دۆلەت شىنجاڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا كوللېكتىپ «قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان» بولسىمۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن 54 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى كۈچەپ قوللىدى.

جۇڭگوغا «قالپاق» كىيدۈرمەكچى بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئىشقا ئاشمايدۇ، ھەممىسى ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىدە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچلىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاق - ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئامېرىكا بولسا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ ئۆزى پايدا ئېلىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، دۇنيادا بويسۇنغانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ، دەپ جار سالدى، ئېنىقكى، بۇنداق قىلىش تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرغانلىق بولۇپ، چوقۇم كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولدى، دىنلار ئىناق - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى غەربتىكى بەزى تاراتقۇلار ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، چېگرا سىرتىدىكى قارا قوللارنىڭ ۋاسىتە تاللىماي شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سىياسىي سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلار بۇ قېتىم مۇقەررەر ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.