تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە مەركىزى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تىنچ - خاتىرجەم كۈنلىرى بولمايتتى

شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز

تەلىم - تەربىيە مەركىزى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تىنچ - خاتىرجەم كۈنلىرى بولمايتتى

يېقىندا، «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق غەرب تاراتقۇلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاتالمىش «خاس خەۋەر» ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، خالىغانچە قارا چاپلىدى. شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭ «قايتا تەربىيە لاگېرى» «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھە دەپ قاماپ قويۇش» «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» قاتارلىق ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئاتالمىش دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق شىنجاڭنى جازالىماقچى بولدى. بۇ، پۈتۈنلەي ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئاساسسىز بىلجىرلاش، قارىسىغا تۆھمەت قىلىش بولۇپ، مەن غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە قوللانغان «قوش ئۆلچەم»ىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم، يەنە ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭغا ئەسەبىي ئىدىيە سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ 2001 - يىلى «11 - سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئامېرىكىدىكى نيۇ يوركقا ئوخشاش، كىشىلەر ھەر كۈنى جىددىيلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشايتتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، مەن 40 نەچچە تۈركۈم چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالدىم، ئۇلار بەس - بەستە تەلىم - تەربىيە مەركىزى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلغا يۈكسەك باھا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلاپ، شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن بىخەتەر ئىكەن، دەپ قارىدى.

مەن قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ سىنىپتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، قانۇن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەكلەرنى ھەقسىز تەمىنلىگەنلىكىنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئەركىن، خۇشال - خۇرام ئۆگىنىۋاتقانلىقى، ياشاۋاتقانلىقى، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشى بولسا رۇخسەت سوراپ سىرتقا چىقالايدىغانلىقىنى، ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدىغانلىقىنى، خالىغان ۋاقىتتا تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قەبىھ قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلغانلىقىنى، تەنقىد قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەمبىرەك يېمى بولۇپ قالمىغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن تونۇيدىغان بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆپىنچىسى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىگە تايىنىپ مۇۋاپىق خىزمەت تېپىپ، ياخشى كۈن كەچۈردى. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىدىكى تەربىيەلەنگۈچى ئابدۇغېنى ئىسمايىل تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر يېمەك - ئىچمەك شىركىتىدە ئىشلىدى، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قەپىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇنقىدەك ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بوپتۇ، كۈنلىرىمۇ مەنىلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ. تۇرپان شەھىرىدىكى تەربىيەلەنگۈچى ئىدرىس ئىمەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، پىچان ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ لۈكچۈن بازارلىق سوتخانىسىدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىندى، ھازىر ئۇ ھەر كۈنى تولۇپ تاشقان مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەن. بۇنداق مىساللار يەنە ناھايىتى، ناھايىتىمۇ كۆپ.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئاشۇ ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش، بۇ كۆپچىلىكنى قوغدايدىغان ئەڭ زور ياخشى تەدبىر. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم يولدىن ئېزىپ قالغان ئادەمگە، نورمالسىز ئادەمگە، شۇنداقلا قورقۇنچلۇق ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قانۇننى دەپسەندە قىلدى، قانۇنغا خىرىس قىلدى. بىر مەزگىللىك تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق، ئۇلار ھەقىقىي تۈردە نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، قايسى ئىشنى قىلسا بولىدىغان، قايسى ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى، دىنىي پائالىيەتلەرنى جەزمەن قانۇن - نىزام يول قويغان دائىرىدە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى چۈشەندى، قەلبىدە «قىزىل - يېشىل چىراغ» ياندى. بۇ نەقەدەر تېپىلغۇسىز ئۆزگىرىش - ھە! ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىنمىسا، شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قۇترىغان، ئاپەت ئۈزۈلمەيدىغان، خەلق بالا - قازاغا ئۇچرايدىغان ئەنسىز جايغا ئايلىناتتى. ھۆكۈمەت خۇددى ئاتا - ئانىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاشۇ كىشىلەرنى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ يۆلەپلا قالماي، يەنە ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىشتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى.

ئىسلامنىڭ ئەسلىي مەنىسى تىنچلىق. ئەسەبىزم ئىسلام دىنى ئەمەس، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە، قائىدىلىرىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي روھىنى دەپسەندە قىلدى، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە ھاقارەت قىلدى، ھەتتا بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئۇلار بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاساسىي ئەقىدىسىگە تامامەن خىلاپ.

شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇتۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ روھىي كىشىنىدىن قۇتۇلدۇردى، جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان يار لېۋىدىن قايتۇردى، شىنجاڭ جەمئىيىتى تېخىمۇ تىنچ، ئىناق بولدى، ھەرقايسى مىللەتلەر تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تىنچ - خاتىرجەم كۈنلىرى بولمايتتى! شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە كەڭ مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى، غەربتىكى ئاشۇ كىشىلەرگە رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمەنكى، ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمماڭلار، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ بوھتان چاپلىماڭلار! بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگوچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.