تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشقا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

«شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ! شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ!» شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ غەزىپى تېشىپ، كېلىشىۋالغاندەك بىرلىكتە غەزەپ ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئورۇنلۇق ۋە كەسكىن سۆزلەر بىلەن ئامېرىكا تەرەپنى مۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش سۇيىقەستىڭلار ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك چىڭ.

ئامېرىكا شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. بۇ خىل زەھەرخەندە بەتبەشىرە قىلمىش جۇڭگو خەلقى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلدى، بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

بۈگۈنكى شىنجاڭ زادى قانداق، «ئىنتايىن ياخشى»مۇ ياكى «ئىنتايىن ناچار»مۇ؟ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقا شىنجاڭلىقلار ئەڭ ھوقۇقلۇق! تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ زېمىندا، بىرقانچە يىلدىن بۇيان بولغان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى ھەربىر شىنجاڭلىق بەش قولدەك بىلىدۇ. بىز پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى: بۈگۈنكى شىنجاڭ بارغانسېرى بىخەتەر بولۇۋاتىدۇ، بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، بارغانسېرى ھاياتىي كۈچكە تولۇۋاتىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشمۇ بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتىدۇ. تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتىدا شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، چىرايىدا تەبەسسۇم بارغانسېرى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش جۇشقۇنلۇقى ۋە روھى تېخىمۇ ئۇرغۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، شۇنداقلا بۇلارنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىزگە بېرەلمەيدۇ، بەلكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. بۇ بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە تۈگىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاشقا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىدۇق، ھاياتىمىز ۋە مال - مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانىدى. شۇڭا، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسىلەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بۈگۈنكى بەخت، خاتىرجەملىكنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قارا چاپلىشى، روشەنكى، كۆڭلىدە يامانلىق ساقلاپ، شىنجاڭنى قايتىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن مالىمان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى قويۇق تۇمان ئىچىدە ياشايدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇنداق ئېقىمغا قارشى ئىش تۇتۇش كىشىلەر ئىرادىسىگە خىلاپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.

«ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىك پاكىتىنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىگە دەخلى قىلالمايدۇ.» بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلايدۇ.

بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھامان تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.