تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلىشىپ، كۈچلۈك ئېتىرازىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلىشىپ، كۈچلۈك ئېتىرازىنى ئوتتۇرىغا قويدى

− ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن گاڭ 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى كلېيىننى چاقىرىتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا كەسكىن سۆزلىشىپ، كۈچلۈك ئېتىرازىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

چىن گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرىقى «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭدا قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ بۇرمىلىدى، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ۋىجدانغا، ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، پۈتۈنلەي خاتا تەرەپتە تۇردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىن گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۇقىرىقى شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇن بولۇپ تۈزۈلۈشىنى توسۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.