تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ 4- ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ 4- ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا يوللىغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم ماقالىلىرىنى ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى كېمەيتمەسلىك، خىزمەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ، تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پەرقلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، ئۆزى تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. سىجىل ھالدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىجىل يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئېچىش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ، «ئۈچنى تەتبىقلاش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش، بىر قېتىملىق كەسكىن بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مۇستەھكەم روھ، ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ «قايتا قاراپ چىقىش» ئەھۋالىدىن قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى نۆللەشتۈرۈش، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى تېگى - تەكتىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.