تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەلگۈسىگە ئۆرنەك قىلايلى

شى جىنپىڭ گىرېتسىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەلگۈسىگە ئۆرنەك قىلايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گىرېتسىيە «كۈندىلىك گېزىتى»دە «قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەلگۈسىگە ئۆرنەك قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن مەدەنىيلىككە بولغان ھۆرمىتىم ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىم بىلەن، گىرېتسىيەدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل دۆلەتكە يەنە بىر قېتىم قەدەم باستىم. ئۇلۇغ قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ھەممىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۆزئارا بىلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزئارا يېقىن ئۆتىشىدۇ. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكى جۇڭگو، قەدىمكى گىرېتسىيەنىڭ مەدەنىيەت نۇرى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى بېشىدا ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇر چاچقان. 1972- يىلى جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بولۇپمۇ 2006- يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى دۆلەت دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، گىرېتسىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق سۈرەتلەپ چىقىشنى خالايمەن. بىز جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي سۆزلىشىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ چوڭقۇر ئەقىل - پاراسىتىنى قېزىپ، مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.