تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى

(2019- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى.

بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەت ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئاساسەن قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇش مۆجىزىسىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە بولغان، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولالايدىغان، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى.

دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ تەرەپلەردە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئاساسلىقى: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، خەلققە مەھكەم تايىنىپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلىنىش ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئورتاق غايە - ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىدىيە، روھىي جەھەتتىن زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، جەمئىيەتنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئاقىل ھەم قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ۋە ئىشقا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك. بۇ روشەن ئەۋزەللىكلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

جەزمەن ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچەپ ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي نىشانى: پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش.

ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى. جەزمەن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

(1) ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىش. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تەتقىقات تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى تاۋلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(2) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغدايدىغان تەشكىلىي تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەركەزدىكى تەشكىلاتلىرى، يەرلىكتىكى تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلاتلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى ئۈنۈملۈك بولغان پۇختا سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(3) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە تۈرلۈك ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان كونكرېت تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(4) خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بارلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى سىنىپىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلاپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچەپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئاممىنى كۆزلەش، ئاممىغا ئىشىنىش، ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى يېتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك. ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئالاقە باغلىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(5) پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىلمىي دەلىللەش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش - مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش، باھالاش - مۆلچەرلەش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك شەكلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(6) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش

دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ. جەزمەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە يولىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك سايلاش، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەر ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ھەر خىل يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(1) خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. خەلق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈزگۈزىدىغان ئورگان − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى. خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىشىگە، خەلققە مەسئۇل بولۇشىغا، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا بارلىققا كېلىشىگە، خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا مەسئۇل بولۇشىغا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى، سايلام تۈزۈمى ۋە كېڭىشىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەلىللەش، باھالاش - مۆلچەرلەش، باھالاش، ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك. يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(2) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۇزاققىچە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر - بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بىۋاسىتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشكە كۈچەيدىغان تەرتىپ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىشى، ھۆكۈمەتنىڭ كېڭىشىشى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ كېڭىشىشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېڭىشىشى ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كېڭىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرتىپى مۇۋاپىق، ھالقىلىرى مۇكەممەل بولغان كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇن كېڭىشىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش داۋامىدا كېڭىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشنى مەسلىھەتلىشىپ قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش كېرەك.

(3) ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى كۆزلەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(4) مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا مېڭىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ماركسىزملىق ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، تارىخ قارىشى تەشۋىق - تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

(5) ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىدا ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشى، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلىشى، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى كەڭ يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام بىۋاسىتە دېموكراتىيەسىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنى ئاساسىي شەكىل قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان قانۇن قائىدىسى سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، پۇختا قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى، كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(1) ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش تەرتىپى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلاشقان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا خىلاپ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۈزىتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، ئىززىتى، نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

(2) قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان قانۇن چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى تەڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(3) جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ دائىرىدىكى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساسلىنىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئەركىن جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش تۈزۈمى، تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

(4) قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش. مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا دېلولىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى ئىشلىتىپ، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

بەشىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش

دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك مۇھىم، زور ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بارلىق مەمۇرىي ئورگانلار جەزمەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەك.

(1) دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەسىنىڭ سەرخىل، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي تەشكىلات، مەمۇرىي نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تارماقلارنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ تارماق سىياسەت چىقىرىش، سىياسەت ئېففېكتىنى ئۆزئارا يوققا چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، ساھە ھالقىغان، تارماق ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرى ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك مەمۇرىي ئىجرا سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(2) ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلغان، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، سېلىنما، ئىستېمال، رايون قاتارلىق سىياسەت ماسلىشىپ كۈچەيدىغان ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلچىمى ئىلمىي، قېلىپلاشتۇرۇلۇشى، ئاشكارا، چەكلىمىسى كۈچلۈك خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاساس پۇل سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە بازارلاشقان ئۆسۈم نىسبىتى سىسىتېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۆتۈشچانلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈم - قائىدىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇماتتىن تەرتىپلىك ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

(3) ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش. ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق دائىرىسى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش بايلىقىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، مەمۇرىي تەننەرخنى تېجەش كېرەك. مەمۇرىي رايون دائىرىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈشچانلىقى ۋە بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاتلامنى ئازايتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي سىستېما شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

(4) مەركەز بىلەن يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ماكرولۇق ئىشلارنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ بىردەكلىكى، سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ بىردەكلىكى، بازارنىڭ بىردەكلىكىنى قوغداش كېرەك. مەركەزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، رايون ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق ئىش ھوقۇقىنى ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىكنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ھوقۇق - مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە يەرلىكنىڭ دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىش ھوقۇقى ۋە مالىيە ھوقۇقىنى ئايرىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭ بولغان مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇقىم بولغان ئىش ھوقۇقى، چىقىم مەسئۇلىيىتى ۋە مالىيە كۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەزدىن يەرلىككىچە ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، ئايلىنىشى راۋان بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمى ھەم سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتى، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدۇر. جەزمەن سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

(1) قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش، يېتەكچىلىك قىلىش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ كۆپ خىل ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىك، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قانۇنچىل مۇھىتنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك سۇبيېكتلىرى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىدىغان، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي رىقابەتلىشىدىغان، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(2) ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك تاپاۋىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپەيتىپ، ئىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمگەك، كاپىتال، يەر، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بازار تۆھپىسىنى باھالايدىغان، تۆھپىسىگە قاراپ ئىش ھەققىنى بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكىمە چىقىم قاتارلىقلارنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان قايتا تەقسىماتنى تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باجنى تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم ئۇنىڭ نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا، رايون، ئوخشاش بولمىغان توپلار ئوتتۇرىسىدىكى تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قوغداپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كېڭەيتىش، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش، يوشۇرۇن كىرىمنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنسىز كىرىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

(3) سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش. يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ۋەيران بولۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مونوپولغا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئادىللىق پىرىنسىپ قىلىنغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم ئامىل بازىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىل باھاسىنى بازار بەلگىلەش، يۆتكىلىشى مۇستەقىل، تەرتىپلىك بولۇش، سەپلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كوللېكتىپ دەۋا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا، رىقابەت كۈچىگە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىقتىسادنى تۈزەش ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋە دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈزۈم، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سۇبيېكتلىق ئىقتىدارى روشەن بولغان، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

(4) پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىلىم - پەن روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاساس تەتقىقاتقا، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆلچەم يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ ئاساس ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا ئەخلاقى بىلەن ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(5) تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش. تېخىمۇ زور دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكىدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقىي سودىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىن بۇرۇنقى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قائىدە، بەلگىلىمە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئەركىن سودا پورتى قاتارلىق سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئېگىزلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش، مونوپولغا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش، دۆلەت تېخنىكا بىخەتەرلىكى تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش، ئىشەنچىسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى قاتارلىق تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چەتكە چېتىشلىق ئىقتىساد - سودىنىڭ قانۇن ۋە قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش

سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ پۇختا تىرىكى. جەزمەن مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بايراق كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك.

(1) ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئىبارەت تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە بويىچە ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا ئۆگىنىش سۇپىسى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى، ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بارلىق خادىملىق، پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسى، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىسى، ئىلمىي قاراش مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ھەرخىل خاتا قاراشلارغا قارشى تۇرۇش ۋە توسۇش كېرەك.

(2) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈزۈمىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قانۇن - سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، خەلق مائارىپى، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى تەڭ تۇتۇش، ئورتاق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

(3) خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشتىكى يېتەكچىلىك قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

(4) توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇشتا، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تور ۋە تور سىرتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنغان، ئىلغار تېخنىكا تىرەك قىلىنغان، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش كاپالەت قىلىنغان پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقاتنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەر ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك.

(5)جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويىدىغان، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئۆزئارا بىرلىككە كەلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەلىپىنى نامايان قىلىدىغان، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىش قىلىنغان مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سالاپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان، پەسكەشلىككە، رەزىللىككە، چاكىنىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

سەككىزىنچى، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش

خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ماھىيەتلىك تەلىپى. بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى جەزمەن تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام، مەدەت بېرىپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

(1) تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا قارىتا تولۇق ياردەم بېرىش، يۆلەشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كەمسىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىززەت - ئابرۇيلۇق ئەمگەك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(2) ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى، ئالىي مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تور مائارىپى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىر كىشىگە يۈزلەنگەن، ھەربىر كىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، تېخىمۇ ئوچۇق، جانلىق مائارىپ سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك.

(3) ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش، باشقا جايدا داۋالىنىشتا راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، سودا سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى سىستېمىسى ۋە كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى، ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان، ئىجارە ئېلىش - سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

(4) خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە، ساغلاملىقنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا دىققەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئادىل ئېرىشەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. تېببي دورا - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالىنىش كاپالىتى، دورا تەمىناتى كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئائىلە بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلار ماسلاشتۇرۇلغان، داۋالىنىش - كۈتۈنۈش بىلەن ساغلاملىق كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش كېرەك. دىققەتنى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

توققۇزىنچى، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى. جەزمەن جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان، پەن - تېخنىكا تىرەك قىلىنغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

(1) يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ئەدلىيەلىك مۇرەسسە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت پىسخىكا مۇلازىمىتى سىستېمىسى ۋە كىرىزىسقا ئارىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا تىرىشىپ تۈگىتىش كېرەك.

(2) جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما مۇداپىئە كۆرۈپ، ئامما تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئىستېرېئولاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىنى بىرلىشىپ تۈزەش، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، ئامانلىقنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى، دەللىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(3) ئاممىۋى بىخەتەرلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، مەخسۇس بولۇش بىلەن دائىم بولۇش بىرلەشكەن، ئىنكاسى تېز، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىينىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(4) ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش. ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىدىكى تۈزۈملەشتۈرۈلگەن يوللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەھەللە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. شەھەر رايونى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈلگەن، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش كېرەك. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(5) دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، سىياسىي بىخەتەرلىك، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي بىخەتەرلىكنى نېگىز، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئاساس، ھەربىي ئىشلار، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەت قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەلق مۇداپىئە سېپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىگە ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش، ئۇنىڭدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

ئونىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. جەزمەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش كېرەك.

(1) ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى ئاسراشنى چىڭ ساقلاپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، جەرياننى كونترول قىلىش، زىياننى تۆلەش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلار، شەھەر - بازارنى ئېچىش چېگراسى قاتارلىق بوشلۇق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش چېگراسى ھەمدە تۈرلۈك دېڭىز تەۋەسىنى ئاسراش لىنىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بېكىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالغا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بازار يۆنىلىشىنىڭ يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئايلانمىلىق، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئاڭلىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى يادرو قىلىنغان مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رايونى بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش مېخانىزمى ۋە قۇرۇقلۇق - دېڭىز بىرتۇتاش پىلانلانغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قانۇن سىستېمىسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(2) بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش. تەبىئىي بايلىقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش بېكىتىپ تىزىملاشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تېجەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. بايلىق تېجەش، تۈجۈپىلەش، ئايلانما پايدىلىنىش سىياسىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەبىئىي بايلىقنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، باھالاش، كۆزىتىش - ئۆلچەش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(3) ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورمان، ئوتلاق، دەريا - ئېقىن، كۆل، سۇلۇق يەر، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈ سىجىل پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاسراش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريالارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە چۆللىشىش، قۇملىشىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدىن باشقا، دېڭىزنى تىندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش كېرەك.

(4) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش قاتارلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش - كۆزىتىش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلەش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

ئون بىرىنچى، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

خەلق ئارمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ كۈچلۈك ئۇل تېشى، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى. جەزمەن شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

(1) خەلق ئارمىيەسىگە بولغان ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە قوماندانلىق ھوقۇقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەنسۇپ بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ ئەمەلگە ئېشىش شەكلى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ۋە قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدىكى تۈرلۈك تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقى، ھەربىي بۇيرۇقنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(2) خەلق ئارمىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي روھ يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، «ئارمىيەنى پارتىيەسىزلەشتۈرۈش، سىياسىيسىزلاشتۇرۇش» ۋە «ئارمىيەنى دۆلەتلەشتۈرۈش» قاتارلىق خاتا سىياسىي قاراشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. پارتكوم تۈزۈمى، جېڭۋېي تۈزۈمى، سىياسىي ئورگان تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ بىرتۇتاش كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدىكى باشلىق ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ليەندە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇستەھكەم، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلى ۋە يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، مىلتىقنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(3) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پۈتۈن جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇش. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنىڭ تۈپ ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشمە، ئادەتتىكى ۋاقىت بىلەن ئۇرۇش ۋاقتى بىر گەۋدىلىشىشنى ئاساس قىلغان ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تۈزۈمىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھالەت شەكىللەندۈرۈش، كىرىزىسنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، قۇرۇشنى تۇتۇش ئۇرۇش ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما ھەربىي كۈچ قۇرۇلۇشى سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ رەسمىي قىسمى ۋە زاپاس قىسمى، قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خادىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئوفىتسېرلارنىڭ كەسپىيلىشىش تۈزۈمى، مەمۇرىي خادىملار تۈزۈمى، ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى قاتارلىقلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى جەڭگىۋارلىق ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، قاتتىق چەكلەشكە ئىگە ھەربىي ئىشلار بويىچە باشقۇرۇش سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئارمىيە - خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە قورال - جابدۇق قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق بىرلىشىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ۋە ئارمىيە - خەلق ئورتاق قۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئون ئىككىنچى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. جەزمەن «بىر دۆلەت»تە چىڭ تۇرۇش «ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، «ئىككى تۈزۈم» «بىر دۆلەت»كە بېقىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ ھەم «بىر دۆلەت»تە بىرلىككە كېلىدۇ. قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

(1) «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش. شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن «ئىككى تۈزۈم» پەرقىگە ھۆرمەت قىلىشنى، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا بولغان ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى، ۋەتەننىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئۆز رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(2) مەركەزنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا بولغان ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى ۋە ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نېگىزلىك قانۇننى ئىزاھلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن مەركەزگە بەرگەن تۈرلۈك ھوقۇقلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش كېرەك. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى قوللاش كېرەك. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باش مەمۇرىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشىش، ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەربىيەسى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى، جۇڭگو تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(3) ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، تىنچ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ خۇسۇسىي مال - مۈلكى، دىنىي ئېتىقادى، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

ئون ئۈچىنچى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە ياخشى تاشقى شارائىتقا موھتاج. دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(1) پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، ئارمىيە، يەرلىك، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك تاشقى خىزمەت چوڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق خىزمەت، قانۇن ئىشلىرى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق خىزمەتنىڭ قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(2) ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ ئايرىماي بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداپ، بارلىق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. سۆزلىشىش، كېڭىشىش، تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلقئارا تالاش - تارتىش ۋە قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھە دېسىلا قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ زومىگەر بولماي، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلماي، مەڭگۈ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ بولۇش كېرەك.

(3) ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئەركىن سودا رايونى تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، پۈتۈن دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، رەقەم ھاڭى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداش ۋە خەۋپ - خەتەردىن سىگنال بېرىش مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كونسۇل قوغداش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مۇھىم، زور تۈرلەر ۋە خادىملار، ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

(4) يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت، ئادىللىق، ئۆز ئىقتىدارى قاتارلىق پىرىنسىپلار ئاساسىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ مېخانىزملىشىش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئون تۆتىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. جەزمەن پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ كەسكىنلىكى، ماسلىشىشچانلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي، ئىجرا قىلىش قەتئىي، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(1) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار، ھەر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەڭ دەرىجىلىككە بولغان نازارەتچىلىكتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەمدە مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، نازارەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى نازارەتچىلىكى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاش - ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، مەمۇرىي نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنىڭ ئورگانىك تۇتىشىشى، ئۆزئارا ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(2) ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىش ۋە يۈرۈشۈشىنى چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ئىش ئورنىنى ئايرىپ ھوقۇق تەسىس قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ ھوقۇق بېرىش، قەرەللىك ھالدا ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئاشكارا ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزگەندە سۈرۈشتۈرۈشكە، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان قايتما ئىنكاس مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، چەتنەپ كەتكەنلەرنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى تارايتىش كېرەك.

(3) چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى بەرپا قىلىش. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «قورشاپ ئوۋلاش» ۋە «قورشاپ ئوۋلىنىش»قا رازى بولىدىغان مەنپەئەت زەنجىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ھوقۇق - پۇل سودىسى مۇناسىۋەت تورىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قۇرۇلۇش قىلىش، بايلىق ئېچىش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى، ئاممىۋى بايلىق سودىسى، ئاممىۋى مالىيە چىقىمى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ نازارەتچىلىك مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە دۆلەت قانۇن چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە - ئەخلاق ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئون بەشىنچى، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يىراق - يېقىننى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۈزۈم ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك. نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئىجراسىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - يارتا قىلىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

تۈزۈم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكى، تەستە قولغا كەلگەنلىكى، ئۇنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىش، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن تارىخىي ۋارىسلىقنى ئىگىلەش، ھەم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە بېسىپ ئۆتكەن يولى، توپلىغان تەجرىبىسى، شەكىللەندۈرگەن پىرىنسىپىنى ئىگىلەش كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ، ھەم بېكىنمە قاتمال كونا يولدا ماڭماي، شۇنداقلا بايراق ئالماشتۇرىدىغان قىڭغىر يولدىمۇ ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسپىي مەشىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلارنىڭ قەتئىي تۈردە تۈزۈم بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ۋە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىنى قوللاش كېرەك.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىزچىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈزۈم، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.