تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، جوۋ رۇي) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەيدە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى.

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن فىرانسىيە سارىيىغا كەلدى. ماكرون قىزغىنلىق بىلەن شى جىنپىڭنى فىرانسىيەنىڭ قىزىل ھارىقى ۋە كالا گۆشى يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. مەيداندىكى فىرانسىيە كارخانىچىلىرى بەس - بەستە شى جىنپىڭغا مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا ياخشى قارايدۇ، جۇڭگوغا قاراتقان ئېكسپورتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرى ناھايىتى چوڭ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ، فىرانسىيە كارخانىچىلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى نەزەرىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى قىزىقىش بىلەن بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆردى. شى جىنپىڭ قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كىردى. تانزانىيەنىڭ ياۋگوسى، گىرېتسىيەنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى، ئىتالىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، يامايكىنىڭ لەنشەن قەھۋەسى، رۇم ھاراق تورتى، ھىندونېزىيەنىڭ پالما مېيى، رۇسىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە ئاپتوموبىلى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

شى جىنپىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم پات - پات سوئال سوراپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى قارشى ئالىمىز، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە جۇڭگو سارىيىغا كەلدى. «يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» بۆلىكىدە كەلگۈسىدىكى ئېلېكتىرلەشكەن ئايروپىلاننى تەقلىدىي توپلاشتۇرۇش سۇپىسىدا، ماكرون زور قىزىقىش بىلەن جۇڭگونىڭ سودىدا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تەقلىدىي ھەيدەش بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى يەنە جۇڭگو خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان يەككە دىيامېتىرلىق رادىيو تېلېسكوپ − «جۇڭگو تيەنيەن» ۋە «شېڭخەي يۇڭشى» ناملىق ئادەملىك چۆككۈنىڭ مودېلىنى كۆردى.

«ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو» بۆلىكىدە، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئاڭلىدى.

«گۈزەل جۇڭگو» بۆلىكىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان «جۇڭخۇادىكى بىرىنچى شەھەر» لاڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنىڭ قۇم مودېلى تىزىپ قويۇلغانىدى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بەس - بەستە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

«بەختلىك جۇڭگو» بۆلىكىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق ئېكرانىنىڭ ئالدىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبىلەردە ئورتاقلىشىپ، نامراتلىق بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى يەنە بىرلىكتە جۇڭگو تەيۋەن، ئاۋمېن ۋە شياڭگاڭ كۆرگەزمە رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئومۇميۈزلۈك ياخشى قارىدى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۇنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.