تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» ۋە 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلدى، ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتىسيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى دىققەتنى تۈزىتىشتىكى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى؛ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بىرلىشىپ ھەل قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئامما رازى بولمىغانلىرىغا قايتا قاراپ چىقىپ، دەرس تولۇقلاپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باش تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىپ بېرىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.