تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

تەبرىك خەت

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن ئاكادېمىيەدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دادىل ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، تەرەققىياتنى چەكلەپ قويۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد ئالىملارنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئىلغار ئىش ئىزلىرى دۆلىتىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات دولقۇنى بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ پايدىلىق ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاكادېمىيەدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دادىل ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، تەرەققىياتنى چەكلەپ قويۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد ئالىملارنىڭ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئىلغار ئىش ئىزلىرى دۆلىتىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات دولقۇنى بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ پايدىلىق ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىيە قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجە ياراتتى، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. يەر شارىۋى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى ئالدىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەلگۈسى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارى ۋە دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي تەتقىقات ئۇلىنى پۇختىلاپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ساھەسىدە يەنە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تۈركۈم - تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىللاردا داستان بولغان، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن نۇرغۇن ئىلغار ئىش ئىزلارنى قالدۇردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات داۋامىدا غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئاساسىي تەتقىقات داۋامىدا تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئېگىزلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئالىملار روھىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر، ياش پەن تەتقىقات تايانچلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش»نى بۇرچ قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.