تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كاتماندۇغا يېتىپ باردى

نېپالدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندۇ، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جوۋ شېڭپىڭ، خۇاڭيىن جيازى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 12- كۈنى مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كاتماندۇغا يېتىپ بېرىپ، نېپالدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 55 مىنۇتلار ئەتراپىدا، مەخسۇس ئايروپىلان كاتماندۇ ترىبۋان خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىققاندا، نېپال زۇڭتۇڭى باندارى قىزى ئۇشا بىلەن ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇشا شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تىزىلىپ، نەزەر سالىمى بەردى.

باندارى ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن نېپالچە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پۇئېن، زۇڭلى ئوللى، فېدېراتسىيە پارلامېنتى فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ رەئىسى دىمىرشىنا ھەمدە كاتماندۇدىكى بارلىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى قاتناشتى. شى جىنپىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، باندارى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. نېپال ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ باندارىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈش تاماملانغاندا، ھەربىي ئوركېستىر يەنە بىر قېتىم جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ نېپال تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، باندارى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شۇ جايدىكى سەنئەتكارلار مىللىيچە كىيىم كىيىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شى جىنپىڭنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېپال ئۆسمۈر - بالىلىرى جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو تىلىدا: «شى بوۋا ياخشىمۇسىز! سىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇش بولدۇق! بىز سىزنى سۆيىمىز!» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن ئايرىلىپ شەھەر رايونىغا قاراپ ماڭدى، يول بويى قاتار - قاتار مەخسۇس ياسالغان ئوچۇق قىزىل رەڭدىكى مېھمان كۈتۈۋېلىش ئەگمە دەرۋازىلىرىدىن ئۆتتى، دەرۋازىلارنىڭ ئۈستىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جانابلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»، «ياشىسۇن جۇڭگو - نېپال دوستلۇقى»، «جۇمولاڭما چوققىسى ئېتىكىگە، ساكىيامۇنى يۇرتىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» قاتارلىق شوئارلار يېزىلغانىدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ باندارىنىڭ چوڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. شۇ جايدىكى نەچچە ئون مىڭ ئامما يول ياقىسىدىكى نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقتا تۇرۇپ، جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، داقا - دۇمباق چېلىپ، قىزغىن تەنتەنە قىلىپ، ئەڭ ئەزىز مېھماننى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ نېپال خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 64 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈمدىكى ۋە چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن نېپال رەھبەرلىرى بىلەن دوستانە، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش، ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا باردى.

جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوۋ يەنچىمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2- قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن چېننايدىن ئايرىلىپ كاتماندۇغا يېتىپ كەلگەن. شۇ جايدىكى زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتقا قاراپ ماڭغان يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا يىغىلىپ، قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. ھىندىستان تامىل نەدۇ ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى پروھىت قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.