تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندىستان چېننايغا يېتىپ باردى

ھىندىستانغا بېرىپ جۇڭگو - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2- قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەم نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى

شى جىنپىڭ ھىندىستان چېننايغا يېتىپ باردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندىستان چېنناي، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ شياۋمىڭ، شى شياۋمىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن چېننايغا يېتىپ باردى، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2- قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان چېنناي خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىققاندا، ھىندىستان تەمىل نەدۇ ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى پروھىت، باش مىنىستىرى پالانىئاسۋامى قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا كۈتۈۋېلىپ، شى جىنپىڭغا گۈل تۇتتى. مىللىيچە كىيىنگەن شۇ جايدىكى ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، بەزىلىرى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە پولودو ئۇسسۇلى ئوينىسا، بەزىلىرى ياغاچ ئاياغ ئويۇنى، قېيىق ئويۇنى ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى دوستانە قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن ئايرىلىپ شەھەر رايونىغا قاراپ ماڭغان يول بويىدا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئامما كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى مودىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، «جۇڭگو - ھىندىستان دوستلۇقى» دەپ تەنتەنە قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا باردى.

جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

ھىندىستاندىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودى ۋە نېپال زۇڭتۇڭى باندارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھىندىستانغا بېرىپ جۇڭگو - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2- قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.