تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2019 جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، 2019 جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىدىن ھەمبەھرىلىنىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسىنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ نۆۋەتلىك رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسىدە «رەقەملىك ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شيۇڭئەن باشلىقلار مۇنبىرى، كارخانا تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.