تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەر ھەم ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

   10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ھەم ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ھەم ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

   دۆلەت شەرىپى نامى مېدالى چاقناپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر «خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن بۇرماقان مولدۇ، «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن غەيرەت مامۇتنىڭ تۇغقانلىرى ۋەكىلى قاتارلىقلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

   چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالدىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئۆزى ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە مۇكاپاتلاش قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قەھرىمانلارنى قەدىرلەش، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت دۆلەت پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، قەتئىي ئەقىدە، ئېتىقاد، ئىشەنچ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئوخشاش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ غايەت زور خۇشاللىقىغا ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىقىغا چۆمدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. قەھرىمانلارنى تەشۋىق قىلىش كېرەك، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىشقا يېتەكلەپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى روشەن دەۋر بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇش، كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دەۋر ئۆلچەم بايرىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش كېرەك، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ جىسمىدا ئەكس ئەتكەن سادىقلىق، قەتئىيلىك، ئاددىي - ساددىلىقتىن ئىبارەت روشەن خىسلەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك؛ قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىش كېرەك، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئىرادىدىن يانماي، ئېگىلمەي - سۇنماي، ئۈلگە ۋە بايراقنىڭ كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە قەھرىمانلارنى خەلقنىڭ شەرىپى، دۆلەتنىڭ بايلىقى بىلىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، ئەۋلادلىرىغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.