جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى    لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

      9- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

9- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 4000دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك زات بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، لو جېڭگۇاڭ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلاملار ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، زور كۈچ بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت كېمىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. 

لى كېچياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. 4000دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك زات خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقنىغان، رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، قىزغىن، خۇشال بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغانىدى، «2019 − 1949» دېگەن يىل نامى قىزىل بايراقلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى، تەنتەنىلىك، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» زالدا ياڭرىدى.

جاراڭلىق بۇرغا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىغا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى؛ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى، جۇڭگو خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيناپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە پات ئارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ داستان پۈتۈپ چىقىلىدۇ. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە مېڭىشىدىكى مۇھىم كاپالەت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز داۋاملىق «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋەتەننىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى بولسىلا، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولسىلا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلالايدۇ، ئورتاق ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەممىسى توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ قۇياش نۇرى ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇلۇغ مەدەنىيلىك. تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتقان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، مۇقەررەر تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

بايرام شادلىقىغا تولغان شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىغا، بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ۋە چى خاۋتيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، زوۋ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، خې لۇلى، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، ۋۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ئىسمايىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، جاڭ باۋۋېن، لياڭ گۇاڭليې، چاڭ ۋەنچۈەن، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۈەيشى، لى مېڭ، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ۋە فۇ چۈەنيوۋ، يۈ يۇڭبو، ۋاڭ كې، چېن بىڭدې، لى جىنەي، چياۋ چىڭچېن، جىڭ جىيۈەن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن، ۋەزىپە ئۆتەشنى ساقلاپ تۇرغان باش مەمۇر خې يىچېڭ بار.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھەدىكى داڭلىق زاتلار ۋەكىللىرى، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، پېشقەدەم جياڭجۈنلەر، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ۋاپات بولغان رەھبەرلىرىنىڭ جورىلىرى، داجياڭلارنىڭ جورىلىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، ھەربىي ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر ھەم ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك، چياۋمىنلار ۋەكىللىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

بېيجىڭدا دەم ئېلىۋاتقان كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلى، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان قىسمەن چەت ئەللىك مېھمانلار، خەلقئارادىكى داڭلىق زاتلار، داڭلىق دوست زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، جۇڭگودىكى قىسمەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.