تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

(2019- يىلى9- ئاينىڭ 27- كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالدىدا، بىز داغدۇغىلىق ھالدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتۇق. ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

70 يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى جۇڭگونى ئورتاق بەرپا قىلغانىدى. پارتىيەمىز ئىجادىي ھالدا ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى بېكىتىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورناتتى، ھەر مىللەت خەلق تارىختا تۇنجى قېتىم باراۋەر سىياسىي ھوقۇققا ھەقىقىي ئېرىشتى، ئورتاق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولدى، كونا جۇڭگونىڭ مىللىي زۇلۇم، جېدەل - ماجىراغا تولغان ئازابلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىدۇق ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدۇق، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يەتتە يىلدىن بۇيان، مەن مىللىي رايونلارغا ئون نەچچە قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قارلىق ئېگىزلىكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسى، غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىدا مىللىي رايونلارنىڭ قىياپىتىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. يەتتە يىلدىن بۇيان، مىللىي رايونلاردا جەمئىي 25 مىليوندىن ئارتۇق نامرات كىشى ئازايتىلىپ، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %21تىن %4كە تۆۋەنلىتىلدى. يەتتە يىلدىن بۇيان، مەن كۆپ قېتىم ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلەشتىم، ھەر مىللەت ئامما يازغان نۇرغۇن خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش − بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

70 يىل ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتىدە، مىللىي رايونلارنىڭ قىياپىتىدە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

70 يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ، 70 يىلدىكى تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەنپەئىتى قىلىمىز؛ ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي ماڭىمىز؛ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كېلىش بىلەن ئاپتونومىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز؛ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇپ چىقىمىز؛ ھەر قايسى مىللەتلەر قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ھەم تومۇرداش قىلىمىز، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىمىز؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرىمىز.

يولداشلار، دوستلار!

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى بىپايان، مەدەنىيلىكى ئۇزاق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مول مىراس، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى.

− بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان. «بىر دۆلەتنىڭ بىپايان زېمىنى پۇقرالار ئولتۇراقلىشىدىغان جايدۇر.» ھەر مىللەت ئەجدادلار جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى بىرلىكتە ئاچتى. قەدىمدىن بۇيان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ۋە چېگرا رايوندىكى خەلق بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئۈزۈلدۈرمەي ھەمتۈرتكە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ چىن سۇلالىسىدىن بۇيان ھەم خەنزۇ ئاھالە چېگرا رايوندا بوز يەر ئۆزلەشتۈردى، ھەم چېگرا ئاھالىسى ئىچكىرى رايونلارغا كۆچتى، بىر نەچچە قېتىملىق مىللەتلەر چوڭ يۇغۇرۇلۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت بىر - بىرىدىن ئايرىلماي، ياشاۋاتقان بۇ زېمىننى ئورتاق ئاچتى. چىن سۇلالىسى نەنخەي ۋىلايىتى، گۇيلىن ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ، لىڭنەن رايونىنى باشقۇردى، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنى باشقۇردى، تاڭ سۇلالىسى 800دىن ئارتۇق بېقىندى ئايماق مەھكىمىسى قۇرۇپ، چېگرا رايوننى بىرتۇتاش ئىدارە قىلدى، يۈەن سۇلالىسى پەرمان مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، شىزاڭنى باشقۇردى، مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى غەربىي جەنۇب رايوندا تۇسىلار باشقۇرىدىغان شەكىلنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى باشقۇرىدىغان شەكىلگە ئۆزگەرتتى، تارىختا ئۆتكەن سۇلالىلەردە ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنى مۇنبەت، بىپايان بولۇپ، بۇ، ھەر مىللەت ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان مۇقەددەس زېمىن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ياشاپ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل ماكان.

− بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن. ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىلا، دۆلىتىمىزدە يەنخۇاڭ، خۇاشيانى مۇجەسسەملىنىش يادروسى قىلغان، «بەش تەرەپ خەلقى» ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. چىن دۆلىتى «يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھارۋا ئوقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئەدەپ - ئەخلاق ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ»، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى قايسى مىللەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ باشقۇرسۇن، ھەممىسى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلدى، ھەممىسى ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىچىلىرى دەپ ھېسابلىدى. ئايرىلىپ تۇرغاندا، مەسىلەن، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىچىلىرى دەپ ماختاندى؛ تىركىشىپ تۇرغاندا، مەسىلەن، سۇڭ، لياۋ، شيا، جىن سۇلالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى «تاۋغاچ» دەپ ئاتىدى؛ بىرلىككە كەلگەندە، مەسىلەن، چىن، خەن، سۈي، تاڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدە تېخىمۇ «توققۇز ئىقلىمنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمر - پەرمان بىردەك، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ئوخشاش بولدى». چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ جاسارىتى، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەيۋىتى، كاڭشى - چيەنلۇڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىشنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان تارىخ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىگە زىچ تايىنىشىمىز كېرەك.

− بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىشى. دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر نەزمىنامە، چۇ ناخشىلىرى، خەن نەزمىلىرى، تاڭ شېئىرلىرى، سۇڭ نەزمىلىرى، يۈەن نەغمىلىرى، مىڭ، چىڭ رومانلىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى، گېسارۋاڭ، ماناس، جاڭغىر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئېپوسلارغا ۋارىسلىق قىلدى، سەددىچىن سېپىلى، دۇجياڭيەن توسمىسى، چوڭ قانال، گۇگۇڭ سارىيى، بۇدالا سارىيى، كارىز قاتارلىق ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قۇردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق رەڭدار، مول ۋە چوڭقۇر بولۇشى ئۇنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدا. تارىخنىڭ ئۇزاق بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا، جاۋۋۇلىڭۋاڭنىڭ غۇزلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشىدىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شياۋ ۋېندىنىڭ خەنلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىغىچە؛ «لوياڭدا ھەممە ئائىلە غۇز مۇزىكىسىنى ئۆگىنىش»تىن «ئونمىڭ چاقىرىمدىكى چاڭلار خەن ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش»قىچە؛ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ «ئۈستىگە چاپان، ئاستىغا يوپكا كىيىشى»، «نەپىس كۇڭزىچىلار كىيىمى كىيىشى»دىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ ئومۇملاشقان «ئۈستىگە چاپان، ئاستىغا ئىشتان كىيىش»، غۇز كىيىمى، غۇز بۆكىگىچە، ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان شىر ئويۇنى، خۇچىن، چىپاۋ قاتارلىقلار ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ سىڭىشكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى گىرەلىشىپ جىلۋىلەندى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان تولۇقلىنىپ يېڭىلىنىپ كەلدى، بۇ، بىزنىڭ بۈگۈنكى قۇدرەتلىك مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى.

− بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق يېتىلدۈرگەن. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىمىدا ئەمگەكچان، ئاددىي - ساددا، ئىززەت - ئېكراملىق، رەھىمدىل بولغان تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكى، قىزغىن، جۇشقۇن، باتۇر، قەيسەر ئوتلاق مەدەنىيلىكى، ھەممىنى سىغدۇرىدىغان، جان تىكىپ ئېلىشسىلا غەلىبە قىلىدىغان دېڭىز - ئوكيان مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىتىگە ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئورتاق تاۋلاپ چىقتى. جاۋ جۈننىڭ سەددىچىندىن چىقىشى، مەلىكە ۋېنچېڭنىڭ شىزاڭغا بېرىشى، لياڭجۇنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى، ۋا جەمەتى خانىمىنىڭ ياپونلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشى، تۇرغۇتلارنىڭ 10 مىڭ چاقىرىمنى بېسىپ شەرققە قايتىشى، شىبەلەرنىڭ 10 مىڭ چاقىرىملىق چېگرانى قوغدىشى قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق تارىخىي گۈزەل داستانلار ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، دۆلەت مۇنقەرز بولۇش، نەسلى قۇرۇشتەك مىسلىسىز كىرىزىس ئالدىدا، ھەر مىللەت خەلق سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جېنىنى پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي داستانىنى بىرلىكتە پۈتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان زور بىر تۈركۈم ۋەتەننى قوغداش قەھرىمانلىرى، پارتىيە قۇرۇش باشلامچىلىرى، ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلار، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا يول ئاچقان جاڭلىڭلار مەيدانغا كېلىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى. «كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىنتىلىدىغىنى پەقەت ھەقىقەت ۋە ئادالەت». 100 يىللىق كۈرەش جەريانىدا، ھەر مىللەت خەلق قېنىنى بىرگە ئاققۇزدى، قەلبىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملىدى، ئورتاق گەۋدە ئېڭى مىسلىسىز كۈچەيدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئىختىيارىي ھالەتتىن ئاڭلىق ھالەتكىچە بولغان ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق يېتىلدۈرگەن، داۋاملاشتۇرغان، تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېنى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ، توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، يەنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قوبۇل قىلىشىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشىدىن، ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىگە يېقىنلىشىشىدىن بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن بولغان. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەڭداشسىز سىغدۇرۇشچانلىققا ۋە قوبۇل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، زور رول ئوينىغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، روناق تاپقان.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ پاراخوتىنىڭ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇشچانلىقى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى «بايلىق»قا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پەرقلىق رايون سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مىللىي رايونلار ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، «14- بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى پىلانلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى. ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللىي رايونلاردا ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەربىر بالىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چېچىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالاقە تورىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشىدىكى زىچ ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە تارقاق ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئارىلاش ئولتۇراقلىشىشتەك مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، كەڭ دائىرىدە يۆتكىلىش، كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك يېڭى ئالاھىدىلىك نامايان بولدى. بىز بۇنداق ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق سىياسەت - تەدبىر ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرى مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىشى، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، شەكىل ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ ئورگانلارغا كىرىشى، كارخانىلارغا كىرىشى، مەھەللىلەرگە كىرىشى، يېزا - بازارلارغا كىرىشى، مەكتەپلەرگە كىرىشى، ليەندۈيلەرگە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرىشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ دۈشمىنى، قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

بەشىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ھەممىگە قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىشلىق دېلو، ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى، مەجبۇرىيەتنى باراۋەر ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرخىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش، ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى بىلىش - بىلمەسلىكنى، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى بىلىش - بىلمەسلىكنى رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر ۋە مۇھىم، زور رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مىللەت نەزەرىيەسى - سىياسىتىنىڭ سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.