تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى    سۈن جىنلۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگانلارنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى زور كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ئورگان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئورگانلارنىڭ نېگىزلىك قۇرۇلۇشى قىلىشتا، باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادە ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىش، ئىشىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي خاسلىق ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورگانلاردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى قىپقىزىل بايراققا، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئورگان ئىستىلىنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش بىلەن باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ چىقىلغان، تۈزىتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت، تېخىمۇ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان خىزمەت ئىستىلى، تېخىمۇ سادىق، قەتئىي بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق بىلەن تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇشى، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، زىچ ماسلىشىشى، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. تۈزۈمنى، قوشۇننى، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەپ، تەكشۈرۈش، باھالاش - باھا بېرىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە مۇھىم تۈزۈملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، دادىل باشقۇرۇپ - دادىل چىڭىتىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ - ھەقىقىي چىڭىتىپ، دائىم باشقۇرۇپ - دائىم چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.