تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شاڭخەي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، دۇڭ يۈنخۇ، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، شاڭخەي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى دۇڭ يۈنخۇ شاڭخەي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

9- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون شاڭخەي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شاڭخەي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پارتىيەمىز شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق تاپشۇردى. شاڭخەي شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاپشۇرغان ئۈچ تۈرلۈك يېڭى مۇھىم، زور ۋەزىپىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش مەركەز» «تۆت چوڭ سۈپەتلىك ماركا» قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى سەركە، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئالدىن يۈرگۈچى بولۇش مۇساپىسىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى. شىنجاڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

دۇڭ يۈنخۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، چېگرا رايون مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

دۇڭ يۈنخۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، مەركەزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى شاڭخەيگە تاپشۇرغانلىقى شاڭخەيگە ئىشەنگەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى شاڭخەينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش، كەسىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، يىرىك پىلاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم بىلىش» خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، شاڭخەي 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سالماقنى زورايتىپ، كەڭلىكنى كېڭەيتىپ، خىزمەتنىڭ دەللىك دەرىجىسى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شاڭخەي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى پېڭ چېنلېي، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.