تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى جۇڭگونى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى جۇڭگونى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

      9- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شۇاڭچىڭ داچىسىغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر سالماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

      9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئاساس سېلىش» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 12- كۈنى مەخسۇس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغا بېرىپ، شۇاڭچىڭ داچىسى، لەيچىڭشۈەن قاتارلىق ئىنقىلابىي كونا جايلارغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر سېلىپ، شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئاساس سېلىش» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخنى ئەسلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى جۇڭگونى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

باش كۈزدىكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق بولۇپ، ھەممە شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى. 9- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان شياڭشەن باغچىسىدىكى شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن شۇاڭچىڭ داچىسىغا كېلىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەينى يىلى ئىش بېجىرگەن، تۇرغان جايغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر سالدى. رېمونت قىلىپ يېڭى تۈسكە كىرگەن شۇاڭچىڭ داچىسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. داچا ئىچىدە ئىشخانا، مېھمان قوبۇل قىلىش ئۆيى، ياتاق ئۆي، ئاشخانىدىكى ئۆي جاھازلىرىنىڭ قويۇلۇشى، كارىۋاتتىكى كىتابلار ۋە تامدىكى «جۇڭگودىكى ئازاد رايونلارنىڭ ۋەزىيەت خەرىتىسى»، «بېيپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى چوڭ خەرىتىسى» قاتارلىقلارنىڭ تىزىلىشى ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئىدى. شى جىنپىڭ ئىنچىكە سەپسېلىپ قاراپ، تارىخىي تەپسىلاتلارنى ئارىلاپ - ئارىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ، داچىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى لەيچىڭشۈەنگە پىيادە كېلىپ، يولداش جۇ دې، ليۇ شاۋچى، جوۋ ئېنلەي، رېن بىشىنىڭ ئىش بېجىرگەن، تۇرغان جايىغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر سېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەينى يىلىدىكى شياڭشەندىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياد ئەتتى.

لەيچىڭشۈەندىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ شياڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئاساس سېلىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەندە» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يېڭىدىن سېلىنغان خاتىرە سارىيى ھەيۋەتلىك، كۆركەم بولۇپ، «ئاساسىي قۇرۇلما»لىق كەپە شەكلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شياڭشەندە يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلما ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. 28 كارىدور تۈۋرۈكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقىچە بولغان 28 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە سىمۋول قىلىنغانىدى. جەنۇبىي مەيداندا ئېگىزلىكى 19.49 مېتىر كېلىدىغان دۆلەت بايرىقى خادىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1949- يىلى دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. باش تېمىلىق كۆرگەزمە «بېيجىڭغا كىرىپ <ئىمتىھان بېرىش>»، «شياڭشەنگە كىرىپ ئورۇنلىشىش»، «پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىشقا داۋاملىق قوماندانلىق قىلىش»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تارىخ تومۇرىغا ئاساسەن، 800 پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت، گېزىت سۈرىتى، خەرىتە، جەدۋەل ۋە 1200 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، ھۆججەت - ماتېرىيال ۋە ئارخىپ ئارقىلىق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك شەكىلدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شياڭشەندىكى مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئورۇنداپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى دەۋر ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىنغان.

شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ھەربىر بۆلەكتىكى چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شۇ چاغدا قويۇلۇۋاتقان «بېيپىڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش»، «شىيۈەن ئايرودۇرۇمىدىكى ھەربىي پارات»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش مۇراسىمى» قاتارلىق قىممەتلىك سۈرەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ قەدىمىنى توختىتىپ، كۆرۈپ، ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەينى يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىش تارىخىي تەپسىلاتىنى ئەسلىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بېيجىڭ شياڭشەنگە كىرىپ ئورۇنلىشىش كۆرسەتمە خەرىتىسى ۋە ماۋ زېدۇڭ «خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى توغرىسىدا»، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا، شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، ئەينى يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تارىخىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى.

ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندا، شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ مۇقەددىمە زالىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1949- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭ شىبەيپودىن ئايرىلىپ بېيپىڭغا بارغان، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭ شياڭشەنگە كىرىپ ئورۇنلاشقان، بۇ يەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايغا ئايلانغان. بۇ يەردە، يولداش ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې پۈتۈن مەملىكەتكە ھەربىي يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، «چاڭجياڭدىن ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىش» ئۇلۇغ بۇرغىسىنى چالغان، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى چىرىندىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتەك قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا غەلىبە بىلەن چوڭ يۈرۈش قىلىپ، گومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ يەردە يولداش ماۋ زېدۇڭ «خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى توغرىسىدا»نى ئېلان قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا نەزەرىيە ئاساسى ۋە سىياسەت ئاساسى سالغان. بۇ يەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەر ساھە زاتلار بىلەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئورتاق تەييارلىق كۆرۈپ، ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن رولىنى ئوينايدىغان «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ ماقۇللاپ، يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بېكىتىپ، بىر قاتار ئاساسىي سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەندە يېرىم يىللا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەر پارتىيەمىزنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى غەلىبىگە يۈزلەندۈرگەن، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن باش قوماندانلىق ئىشتابى، جۇڭگو ئىنقىلابى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز بۇ تارىخنى ياد ئېتىشتە، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ «دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىشتا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىق»تەك ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى قەتئىي يېڭىپ، «جۇڭگو ناملىق» بۇ غايەت زور پاراخوتنى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىشىمىز، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز بۇ تارىخنى ياد ئېتىشتە، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ئىنقىلابىي ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ھەر ساھە زاتلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز بۇ تارىخنى ياد ئېتىشتە، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتەك ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىر كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە بىر يېڭى دۇنيانى قۇرۇشقا ماھىر. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز گۈزەل.

دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، سەي چى، يوۋ چۈەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.