تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

«<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەزكەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ماس ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇلۇش، سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتتا «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلەردىكى تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورگانىك يۇغۇرۇش، باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، ھەقىقىي تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى مەڭگۈلۈك تېما، ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، بۇرچنى يېتەكلەش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ - تەربىيەلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ - ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرمۇتۈر تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يەنىمۇ كۈچەش كېرەك، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتلەردىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ تىزىپ چىقىپ، تۈرمۇتۈر دەل جايىدا ھەل قىلىپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشكە يەنىمۇ كۈچەش كېرەك، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجە، ساھە، ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، باش تېما تەربىيەسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى، پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشنى ئىدىيەۋى كاپالەت، ئاممىۋى پىكىر مەدىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.