تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 11- كۈنى خەلق سارىيىدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ مۇساپە ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولمىغان، لېكىن مەيلى تاشقى ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي، باشقىچە خىياللاردا بولماي ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىزنىڭ ھەرخىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تامامەن قۇربىمىز يېتىدۇ، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. مۇقىم، ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى پۇرسەت بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن ھەرتەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى «نۇرلۇق يول» يېڭى ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان قۇرۇقلۇق، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو - قازاقىستان بايرىقى روشەن ھالدا كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى زورايتىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

توقايېۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. توقايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى قازاقىستان قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ ئالتە يىل ئىلگىرى سىزنىڭ قازاقىستاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىدۇ، بۇ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، 5G، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى رامكىسى ئىچىدە پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ توقايېۋ بىلەن بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە كۆپ تۈردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا توقايېۋ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.