ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى مەڭگۈلۈك تېما، ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ،2 -تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
چېن چۈەنگو، ئوۋياڭ سۇڭ سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2 - تۈركۈمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلىدى، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6 - سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئوۋياڭ سۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.
چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، دىققەت باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭى يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك تاۋلىنىپ، ئىدىيەۋى مەنزىل يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش كۈچەيتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، خەلققە بولغان مۇھەببەت يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، پاك، دۇرۇس بولۇش مۇداپىئە سېپى مۇستەھكەملىنىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەدە يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، تەتبىقلاپ، نىشان - ۋەزىپە، ئاساسىي پىرىنسىپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئەينەن ئۆگىنىش، قايتا - قايتا چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق بۇرچنى يېتەكلەش كېرەك. چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەسىلىگە ئاتلىنىپ، مەسىلىنى قوغلىشىپ مېڭىپ، ھەم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالدىن ئۆگىنىپ ئالدىن تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنى باھالاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى سىناش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ئۇرغۇپ چىققان خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش روھىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پارتكوملار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەم ئۆزىنى ياخشى تۇتۇشى، ھەم ئاساسىي قاتلامنى ياخشى تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى باش تېما تەربىيەسىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىكنى پۇختا تۇتۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق، پۇختا بولۇپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئىجابىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ كۈچ توپلاش، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ۋاقىت قوغلىشىش، سۈرئەت قوغلىشىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئوۋياڭ سۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نەزەرىيەدە قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، بولۇپمۇ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، سىستېمىلىق رەتلەپ، تىزىملىككە توغرىلاپ ئېنىقلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى مەڭگۈلۈك تېما، ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ، تەتبىقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئوۋياڭ سۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تەتبىقلاپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۈتكۈل باش تېما تەربىيەسىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى، مەركەز 6- سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.