شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى نىڭشيا يىڭچۇەندە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ دەۋر ئېقىمى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 7 - ئايدا، مەن جۇڭگو − ئەرەب ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىغانىدىم. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا پايدىلىق سۇپا ھازىرلاپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.