تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتچىلىق-تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش كېرەك

تەبرىك خېتى

جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن تەنتەنىلىك بىلەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! خەلقئارا تارقىتىش بىرىنچى سېپىدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى سىرتقا قارىتا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خەلقئارا تارقىتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىل 9- ئاينىڭ 4- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، خەلقئارا تارقىتىش بىرىنچى سېپىدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوستلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى سىرتقا قارىتا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خەلقئارا تارقىتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

9- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ئىدارە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىغا بولغان ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى نامايان قىلدى، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يىراققا تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.

جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ياش ئىشچى - خىزمەتچىلەر، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاساسى 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى قۇرۇلغان مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات باش مەھكىمىسى خەلقئارا ئاخبارات ئىدارىسى ئىدى. 70 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، نۆۋەتتە جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى 14 دۆلەت ۋە رايوندا 26 چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپارات تەسىس قىلدى، ھەر يىلى 40 نەچچە خىل يېزىقتا 4000 خىلدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلدى، 13 خىل يېزىقتا 34 قەرەللىك ژۇرنال تەھرىرلىدى، كىتاب - ژۇرناللار دۇنيادىكى 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلدى، تورنى قوبۇل قىلغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.