تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ھەقىقىي تۈردە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۆۋەن ئورۇندىكى نىزام تۈزۈمىنى يۇقىرى ئورۇندىكى نىزام تۈزۈمى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى تۈزۈمىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى بىلەن پارتىيە سىياسىتىنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، كەم - كوتسىز، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 5- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. ئورۇننى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، سېلىنما، ئىستېمال، ئېكسپورتنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا، تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېسىپ تارقاتقان «1- تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنى ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەش كېرەك. تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش»نى ھەقىقىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزىتىش ۋەدىلىرىنى بىرمۇبىر نەقلەشتۈرۈش كېرەك. سىجىل، چوڭقۇر، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.