تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى، سۇڭ يۈيىڭ قاتناشتى ھەم باھا بەردى، جىن دېشۈي قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 8- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش»، «تۆتنى تېپىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان جاسارەت بىلەن، ھاسىلاتنى ئىدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىغا، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ يۈيىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم باھا بەردى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۈي ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزدى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن كوللېكتىپ تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالدى، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزئارا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن، ئۆزىنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سىردىشىش - سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ ھەم بۇ ئاساستا بەنزە ۋە شەخسنىڭ تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا تولۇق ئىدىيە ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلدى.

يىغىندا، چېن چۈەنگو ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا «بەش جەھەتتىكى پەرق»نى تېپىپ چىقىپ، ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىل ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئىدىيە مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. چېن چۈەنگو باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇردى، دائىمىي كومىتېتتىكى باشقا ئەزا يولداشلار بىرمۇبىر ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك سۆزلىرىدە مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، كەمچىلىكىنى ئېچىپ، ئەيىبىنى ئاشكارىلىدى، ئۆزئارا تەنقىد قىلغاندا باتۇرلۇق بىلەن مەسىلىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ، ھەقىقىي مەسىلىنى كۆرسەتتى، ئۆزئارا مۇنازىرە بولدى، ئۆتكۈر گەپلەر قىلىندى، يۈزلەر قىزاردى، تەر چىقتى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى.

چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش مەڭگۈلۈك تېما، ئۆمۈرلۈك تېما. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش ھېسسىياتىنى، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم قەلبكە پۈكۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىيدا تېخىمۇ قەتئىي بولۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىق، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىشتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قەتئىي ئېتىقادقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، ئىقتىدار - سەۋىيەگە ئايلاندۇرۇش، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئېڭى، كۈرەش روھى، كۈرەش شىجائىتىگە ئايلاندۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خىزمەتتە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا زىممىگە ئېلىپ، «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەنزىلنى تۇرغۇزۇپ، «دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدىغان، بالاغا قېلىشتىن قورقمايدىغان، ئۆزىنى چەتكە ئالمايدىغان» مەسئۇلىيەتچانلىقنى ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىستىلدا تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھقا ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۆمۈردە، تاشتا ئىز قالدۇرىدىغان مىخ قېقىش روھى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مۇستەھكەم چاكارلىق ئېڭى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدە پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر تۈزۈش، خىزمەتنى تۇتۇشتا ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئوي - پىكىردە بىللە بولۇپ، بىللە ئىشلەپ، چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، پاك - دۇرۇس بولۇشتا تېخىمۇ قاتتىق بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇم بىلەن شەخس، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەت، ھەق بىلەن ناھەق، ھېسسىيات بىلەن قانۇن، تۇغقاندارچىلىق بىلەن پاكلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ھەشەمەتچىلىك، مۇشەققەت بىلەن پاراغەت، پايدا بىلەن زىياننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇزلۇقتا، كىچىك ئىشلاردا، ھەۋەستە، ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پاك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۇرۇس ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، پاك بولۇش، دۇرۇس بولۇش، سەگەك بولۇشتەك ئوبراز بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.