تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئىدىيە مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، كەمچىلىكى، ئەيىبىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، تىرىكى كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماي، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېچىش بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.