تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇنى تەكشۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، يۆ شياۋچياۋ

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربى، چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى خېشى كارىدورى خۇددى بىر يېشىل يىپەك لېنتىدەك 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق سوزۇلۇپ، گەنسۇ تۇپرىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

بۇ يەر ئىلگىرى چوڭ دۆلەت ئارزۇسى باشلانغان جاي − 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى غەربىي خەن سۇلالىسى بۇ جايدا تۆت ۋىلايەت تەسىس قىلىپ، يىپەك يولىنى ئېچىپ، غەربىي يۇرتقا تۇتاشتۇرۇپ، بىرگۈللىنىش دەۋرىنى ئاچقان.

بۈگۈنكى گەنسۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مىسلىسىز پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە.

قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يىپەك يولىنى ئاچقىلى بولىدۇ؟

8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېشى كارىدورىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە قاراپ مېڭىپ، 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۈنخۇاڭ، جيايۈگۇەن، جاڭيې، ۋۇۋېي، لەنجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل، يېڭى گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش

«بىز جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇقرالارنىڭ بەختىنى كۆزلەيمىز. يول ناھايىتى ئۇزۇن، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر، بۇ جەھەتتە بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان، دەم ئېلىۋالىدىغان ئىدىيە بولماسلىق كېرەك. پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېگىلمەي - سۇنماي، قەتئىي بوشاشمىغاندىلا، ئاندىن دەۋرگە يۈز كېلەلىگىلى، خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ».

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، خەلق تۇرمۇشى باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ غەم بولۇپ كەلدى.

بۇ يىل 3- ئايدىكى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، لىنشيا ئوبلاستى، گەننەن ئوبلاستى ۋە تيەنجۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن گەنسۇنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن، بۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن».

مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن جاڭيې شەھىرىنىڭ شەندەن ناھىيەسى ۋە ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، مەكتەپلەرگە كىرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سۈرۈشتۈردى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۇلى، كەسپىي مائارىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

شەندەن پېيلى مەكتىپى يېڭى زېلاندىيەلىك مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى رېۋى ئاللېي ۋە ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئاكتىپلىرىدىن خوگ ئەپەندى 1942- يىلى قۇرغان كەسپىي مەكتەپ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەندەن پېيلى مەكتىپى «قول - مېڭىنى تەڭ ئىشقا سېلىش، ئىجادىي تەھلىل قىلىش»تەك مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى بويىچە، «جۇڭگونىڭ ئەتىسى ئۈچۈن يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش»تەك گۈزەل ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەت ئۈچۈن زور تۈركۈم ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندەن پېيلى مەكتىپىگە كۈچلۈك رىشتە باغلىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، پېيلى مەكتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغان، يولداش شى جۇڭشۈن خۇشاللىق بىلەن تەكلىپكە بىنائەن پەخرىي مەكتەپ مۇدىرى بولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا، كارخانىلارنىڭ بۇ مەكتەپكە ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولغان. مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. 2014- يىلى، 2015- يىلى ئۇ يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئاللېي ئەپەندىگە، خوگ ئەپەندىگە يۈكسەك باھا بەرگەن.

بۇ ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئىپادىلىشىم پېيلى مەكتىپىگە بولغان مۇھەببىتىمنى نامايان قىلغانلىق».

ئۇزاقتىن بۇيان، غەربىي شىمال رايونى تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تەرەققىياتتا نىسبەتەن ئارقىدا قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رايونلار ئارا تەرەققىيات شارائىتىدا پەرق بار، لېكىن پۇرسەت ئادىللىقى جەھەتتە پەرق بولسا بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا.

جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بۈگۈنكى كۈندە شەندەن پېيلى مەكتىپى تەرەققىي قىلىپ 2000غا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار، 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىگە ئايلاندى.

مەكتەپنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، رېۋى ئاللېينىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېخانىكىلىق پىششىقلاش، ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەلەش قاتارلىق كەسپىي ماھارەت ئەمەلىي مەشىقىنى كۆردى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى:

«ئۈچ يىللىق ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق قانداق تېخنىكا سەۋىيەسىگە يەتكىلى بولىدۇ؟»

«زاۋۇتقا بېرىپ پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بارمۇ - يوق؟»

«ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكە قاتنىشامسىلەر ياكى داۋاملىق ئوقۇمسىلەر؟»

مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شۇ جايدىكى يېزىلاردىن كەلگەنلىكىنى، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى: «بۇ، كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، <قول - مېڭىنى تەڭ ئىشقا سېلىش>تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ».

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىرەك بولۇشىغا تايىنىشى كېرەك، بۇ، كۆپلىگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا موھتاج، زور تۈركۈمدىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىگە موھتاج. كەسپىي مائارىپنىڭ مەنزىلى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق. 360 خىل ھۈنەر، ھەر ھۈنەرنىڭ باردۇر ئۇستىسى. سىلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلەپ، تىرىشىپ دۆلەتكە ياراملىق، دۆلەت ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنى قوللايمەن!»

مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ناخشىسىنى ئېيتىپ، باش شۇجى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

گۇلاڭ ناھىيەسى خۇاڭخۇاتەن ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش رايونىنىڭ فۇمىن يېڭى كەنتى تىپىك بولغان باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش كەنتى. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي قىسىمدىكى ئېگىز، ئىچكىرى تاغلىق رايوندا تۇراتتى، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، «ئۆز ئادەملىرىنى باقالمىغان» ئىدى. بۇلتۇر يېڭى كەنت قۇرۇلۇشى تاماملاندى، سەككىز يېزا - بازاردىن كەلگەن 1300دىن كۆپرەك ئائىلىلىك 4500دىن ئارتۇق ئادەم تاغلىق رايوندىن بۇ يەرگە كۆچۈپ ئورۇنلاشتى.

پاكىز، ئازادە كەنت يولىنى بويلاپ، شى جىنپىڭ يول بويى ماڭغاچ كۆردى. قاتار - قاتار قارا كاھىشلىق، ئاق تاملىق يېڭى ئۆيلەر رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا گۈل - گىياھ ۋە مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئىناق، خاتىرجەم، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.

شۇ جايدىكى كادىرلار باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: تاغلىق رايوندىن كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت «كۆچەلەيدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش» تەلىپى بويىچە، نامرات ئاممىنى باقمىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن يېتەكلىدى ۋە ئۇنى قوللىدى، باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن زور كۆپ ساندىكى ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇشۇ يىللاردا، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقتى.

ئۇ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىقتىن ئىبارەت «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغانلىقىنى، لېكىن مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقا ساقلانغانلىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى. بۇنىڭغا باش شۇجى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەستايىدىل كۆردى، تەپسىلىي سورىدى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەتلەندۈرۈلدىمۇ - يوق؟

شى جىنپىڭ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، ساز ئاۋازىغا ئاساسەن، مۇزىكا سىنىپىغا كىردى.

يازلىق تەتىللىك قىزىقىش سىنىپىغا قاتناشقان ساۋاقداشلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «كىچىك قارلىغاچ»نى چېلىپ ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇپ ئۇنى ئورىۋالدى.

«مەكتەپ يىراقمۇ؟» «چۈشلۈك تاماقنى قەيەردە يەيسىلەر؟» «قايسى دەرسلەر تەسىس قىلىندى؟» شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

مەكتەپنىڭ پۈتۈن كەنتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تەمىنلەپ، بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق بارلىقى، ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ يەنە يازلىق تەتىللىك قىزىقىش سىنىپىغا قاتنىشالايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، باش شۇجى ئۈزۈلدۈرمەي بېشىنى لىڭشىتتى، مەكتەپتىكى مەسئۇل يولداشلارغا بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنى ياخشى غىزالاندۇرۇپ، ياخشى چېنىقتۇرۇپ، «بويىنى ئېگىز، تېنىنى ساغلام» قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشنى تاپىلىدى.

ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەتلەندۈرۈلدىمۇ - يوق؟

كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش زالىدا، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملاردىن تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى سورىدى.

كۈتۈنۈش، تۆۋەن كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، باش شۇجى يەنە مەخسۇس: «كەنتتە قانچە داۋالاش ئۆيى بار؟» «ھەممىسى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارمۇ؟» دەپ سورىدى.

شۇ جايدىكى كادىرلار باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنتتە ئۆلچەملەشكەن كەنت داۋالاش ئۆيىدىن ئالتىسى قۇرۇلدى، ھەممىسىدە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرلىرى بار، يېزىلىق شىپاخانىدا يەنە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بار.

گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت دوختۇرلىرى بوشلۇقىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلدىمۇ - يوق؟

شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى لى يىڭچۈەننىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى ئارىلاپ، ھويلىنى كۆردى، ئۆيلەرنى كۆردى، ئاشخانىدىكى سۇ جۈمىكىنى ئېچىپ قولىنى چايقىدى، ھاجەتخانىغا كىرىپ تەرەت تۇڭىنىڭ كەيگۈەنىنى بېسىپ كۆردى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ياخشىلاش ۋە سۇنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى...

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ لى يىڭچۈەن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد بەش جان كىشى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدىكى سافادا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.

لى يىڭچۈەننىڭ باش شۇجىغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە خۇاڭلياڭ يېزىسىنىڭ خۇاڭلياڭ كەنتىدە ئىكەن، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل غەملەپ، ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى قوشۇپ، بۇلتۇر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، 90 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كاھىشلىق چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇۋېتىپتۇ.

سۆزلەۋېتىپ، لى يىڭچۈەن كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى بىر پارچە كونا سۈرەتنى چىقىرىپ باش شۇجىغا كۆرسەتتى، ئىلگىرىكى سېرىق لاي تام، كېسەك ئۆي ھازىرقى يورۇق، پاكىز يېڭى ئۆيدىن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى.

«كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇرغىنىڭلاردىن رازى بولدۇڭلارمۇ؟ يەنە قانداق تەلەپلىرىڭلار بار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«تەلىپىمىز يوق، ھەقىقەتەن بەك ياخشى!» دېدى لى يىڭچۈەن ھاياجانلانغان ھالدا.

«سىلەر خۇشال بولساڭلار بىزمۇ خۇشال بولىمىز.» شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن ئىش بېجىرىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش كومپارتىيەنىڭ ئىشى».

پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى. گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: «بىز قانات يايدۇرۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسى پارتىيەمىز زادى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيەمۇ - يوق دېگەننى تەكشۈرىدۇ - كۆزىتىدۇ. باشتىن - ئاخىر شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ پاراخوتىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ بىپايان دېڭىزىدا كېتىۋاتىدۇ، كېمىنى كۆتۈرىدىغىنىمۇ سۇ، چۆكتۈرىدىغىنىمۇ سۇ، ئەلرايىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالماسلىقىمىز كېرەك!»

 يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، غەربىي قىسىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىش

گەنسۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىككى چوڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنىڭ بىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يەنە بىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى.

«ئۇزۇنغا سوزۇلغان سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك، بىپايان ئوتلاق، چەكسىز چۆل - جەزىرە، ئاپئاق مۇزلۇق بىر پارچە ھەيۋەتلىك، كۆركەم كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى گويا قاشتاش رۇيىغىلا ئوخشايدۇ».

بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، گەنسۇ تۇپرىقىنى چىن قەلبىدىن: «يېرى كەڭ، تاغ - دەريالىرى گۈزەل، تەبىئىي مەنزىرىسى مول، رەڭدار» دەپ تەرىپلىگەنىدى.

باش شۇجى گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقانلىقىنى ھەم جۇغراپىيەلىك قىياپىتىنىڭ مول، رەڭدار ئىكەنلىكىدەك بىر تەرىپىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىدەك يەنە بىر تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى گەنسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، «GDP ئەپسۇن چەمبىرىكىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ئەپسۇن چەمبىرىكىنى كىيىش»نى ئايدىڭلاشتۇرغانىدى.

قانداق قىلغاندا گەنسۇنىڭ سۇ - تۇپرىقىنى ياخشى ئاسراپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يولنى يىراق كۆرمەي، جاپادىن باش تارتماي، نەچچە قېتىملاپ ئاپتوموبىل بىلەن تاغلاردىن ھالقىدى، دەريالاردىن ئۆتتى، داۋانلاردىن ئاشتى، ئوتلاقلارغا كىردى، قۇملۇقلاردىن كېسىپ ئۆتتى، تاغلارنى كۆردى، ئورمانلارنى كۆردى، سۇلارنى كۆردى.

تاغلارنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆزى «سوئال چىقىرىپ» ئۆزى «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى».

ئالتۇن كۈزدىكى جاڭيې شەھىرى شەندەن ئات فېرمىسىدا، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، تۇلپارلار چېپىپ يۈرەتتى.

8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان دامايىڭ ئوتلىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇڭنۇڭفا شەندەن ئات فېرمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1- فېرمىسىنى تەكشۈرۈپ، ئات فېرمىسىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتى ۋە چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاسراش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 121- يىلىلا، غەربىي خەن سۇلالىسىدىكى قىران چەۋەنداز جياڭجۈن خو چۈبىڭ ھونلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇشۇ جايدا ئەسكەر توپلاپ، ئات - ئۇلاغ باققان. بۈگۈن بۇ جاي ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون مودىن ئاشىدىغان ئوتلاق، تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىققا تايىنىپ، كۆپ خىللاشقان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملۈك ماس تەرەققىياتقا قاراپ تىرىشماقتا.

شى جىنپىڭ ئوتلاققا كىرىپ، ئوتلاقنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە يىلقىلارنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئات فېرمىسىدا ئات بېقىۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان چىليەنشەن تاغ تىزمىسى ھەيۋەتلىك تاغ گەۋدىسى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىن كەلگەن ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى تەركىبىدىكى سۇ پارىنى توسۇپ ۋە ساقلاپ، ئۇنى مول، يېتەرلىك قار - مۇز سۈيىگە ئايلاندۇرۇپ، خېشى كارىدورىدىكى مۇنبەت تۇپراقنى سۇغىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تاۋار ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەت ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى بەرپا قىلغانىدى.

ھالبۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولغان چىليەنشەن تېغىنىڭ قىسمەن ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى بىرمەھەل ئىنتايىن گەۋدىلىك بولدى.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قەتئىي تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 2017- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەركەز نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مەخسۇس نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەركەزنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدىمۇ - يوق؟ چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قانداقراق؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى كېلىپ «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى».

چوڭ ئوتلاقتا تۇرۇپ، چىليەنشەن تېغىغا يىراقتىن نەزەر سالغىنىچە، باش شۇجى نەق مەيداندا گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

114 كانچىلىق ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلدى، قىسمەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تاقاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەركىزىي رايوندىكى ئاھالىلەر پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلدى... مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاساسەن ئورۇندالغانلىقىنى، چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشتا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى زور بولدى. گەنسۇنىڭ ئېكولوگىيەنى ئاسراش خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى، داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلارنى مۇنداق ئەسكەرتتى: «بىز تەرەققىي قىلىپ بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، تاۋۇز شاپىقىغا دەسسەپ تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك، بەلكى داۋاملىق داۋاندىن ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، شۇندىلا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بايلىققا ئايلىنالايدۇ».

ئورماننى كۆرگەندە، ئۇ يۈگۇڭنى ماختاپ، نەمۇنىچىلارنى رىغبەتلەندۈردى.

خېشى كارىدورى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چىليەنشەن تېغىدىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۈيىدىن ئوزۇق ئالدى، لېكىن ئەتراپى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان، قاقاس ئېدىرلىق ۋە قۇملۇق زىچ تارقالغان كەڭ رايون بولۇپ، تار، ئۇزۇن بوستانلىق ھەر ۋاقىت يىمىرىلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى.

گەنسۇنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ھەم ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2013- يىلىلا، ئۇ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بادەنجىرىن ۋە تېڭگىردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇق ئارىسىدىكى بوستانلىق − گەنسۇ ئۆلكىسى مىنچىن ناھىيەسىنىڭ ئىككىنچى لوپنۇر بولۇپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

مىنچىنغا يېقىن گۇلاڭ ناھىيەسىمۇ مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنى نۇقتىلىق كۆزىتىدىغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى، چېگراسى ئىچىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى 2 مىليون مودىن ئاشىدۇ، قۇم - بوران لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشكە يېقىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېغىل يولدا يول بويى چايقالغىنىچە گۇلاڭ ناھىيە بازىرىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىرىپ، ساپسېرىق قۇملۇقتا پارچە - پارچە يېشىللىق پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىپ، پۈتۈن يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يېشىل تەرەققىيات قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى».

بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانى تېڭگىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، ئىلگىرى بۇ يەردە توختىماي قۇم - بوران ئۇچۇپ تۇراتتى، يىلىغا 7.5 مېتىر سۈرئەت بىلەن ئېتىز - ئېرىق، كەنتلەرنى يۇتۇۋالغانىدى، «كۈز شامىلى ئېتىزلارنى ئۇچۇرۇپ قۇرۇقداپ قوياتتى، باھار شامىلى كالىلارنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتى».

20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، شۇ جايدىكى ئالتە بوۋاي ھۆددە توختامىغا بارماق بېسىپ، چاچلىرىنىڭ ئاقىرىشى بەدىلىگە بوستانلىقنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قەسەم قىلدى. 38 يىلدىن بۇيان، «ئالتە بوۋاي» ۋەكىللىكىدىكى بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئىشچى - خىزمەتچى ئۇدا كۈرەش قىلىپ، «قۇم ئادەمنى قىستاپ چېكىندۈرۈش»تىن «ئادەم قۇمنى چېكىندۈرۈش»تەك يېشىللىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بىرنەچچە ئىشچى - خىزمەتچى «كاتەكچىلەپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ قۇمنى باستۇرۇش» مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بېرىپ، ئۇلاردىن قۇم باستۇرۇشتا كونكرېت قانداق مەشغۇلات قىلىدىغانلىقىنى، ھەر مو يەرگە قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى، قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى سورىدى ھەم چۆنەك ئېچىش ساپىنىدىن بىرنى قولىغا ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەپ كەتتى. بىردەمدىلا قۇملۇقتا ئىككى مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى تۈز چۆنەك ئېچىلدى.

«ئالتە بوۋاي»نىڭ ئىچىدىكى گو چاۋمىڭ بوۋاينىڭ ئوغلى گو ۋەنگاڭ قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا بار ئىدى. ئۇ باش شۇجىغا دەل مۇشۇنداق ئادەم كۈچى ئەمگىكى مەشغۇلاتىغا تايىنىپ، «بىر تۈپ دەرەخ، بىر تۇتام ئوت - چۆپ بىلەن قۇمنى باستۇرۇپ بوراندىن مۇداپىئەلەنگەنلىكى»، ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ جەمئىي 200 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

«يېڭى دەۋر تېخىمۇ كۆپ <ئالتە بوۋاي>غا ئوخشاش مۇشۇنداق ھازىرقى زاماننىڭ يۈگۇڭلىرىغا، دەۋر نەمۇنىچىلىرىغا موھتاج.» شى جىنپىڭ ماختىغىنىچە مۇنداق دېدى: «<ئالتە بوۋاي>نىڭ ھازىرقى زامان يۈگۇڭ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان، قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىلگىرىلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېشىل سېپىلنى پولاتتەك مۇستەھكەم قىلىش كېرەك».

سۇنى كۆرگەندە، ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىغا رىشتە باغلىدى، خۇاڭخې دەرياسىنى ئەستىن چىقارمىدى.

جۇڭگونىڭ بىپايان تېررىتورىيەسىدە شىمالدا خۇاڭخې دەرياسى، جەنۇبتا چاڭجياڭ دەرياسى بار، ئىككى چوڭ دەريا غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى بېقىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يېتىلدۈرگەن.

ئانا دەريانى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان!

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان چاڭجياڭ دەرياسى ناخشىسىنى ياڭراتتى.

بۈگۈن، باش شۇجىنىڭ نەزەرى خۇاڭخې دەرياسىغا ئاغدۇرۇلدى.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لەنجوۋ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش لەنجوۋ تۆمۈريول پومپا پونكىتى تۈر نۇقتىسىغا كېلىپ، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، توسمىنى مۇستەھكەملەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا ئېگىزدىن نەزەر سېلىپ، شۇ جاينىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسراش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

خۇاڭخې دەرياسى لەنجوۋدا شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، قىرغاق بويى يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەيلە - ساياھەت سورۇنىغا ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لەنجوۋ شەھىرى دەريا ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى دەرياغا بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان 54 ئېغىزنى كۈندىلىك ئۆلچەپ، تەكشۈرۈپ، بىر قىسىم دەريا ئېقىنىنى تازىلاپ راۋانلاشتۇردى. ئىلگىرىكى سۇ ئېلىش پومپىسى پونكىتىمۇ ئېكولوگىيەنى ئاسراش ئۈچۈن بىكار قىلىنىپ، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

دەريا بويىدىكى سەيلە يولىدا، بەزى شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئېلىپ، سەيلە قىلىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك چۆرىدەپ كېلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر شەھەر ئاھالىسى باش شۇجىغا: دەريا بويلاپ ياسالغان 100 چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسى مەنزىرە لىنىيەسى خۇددى ئۆز ئۆيۈمنىڭ گۈللۈكىگە ئوخشايدۇ، سەيلە قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن قولايلىق، ھەر كۈنى ئايلىنىمىز، كەيپىياتىمىز بەك ياخشى، بۇ يەردە ياشاپ بەخت كۆرسەتكۈچىمىز ئۆستى، دېدى.

«شەھەر خەلقنىڭ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش كېرەك.» شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ئالتۇن لوڭقا، كۈمۈش لوڭقىمۇ ئاممىنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ، ئامما ياخشى دېسە ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ».

ئۇ ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: گەنسۇ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى ۋە تولۇقلاش رايونى بولۇپ، ئالدى بىلەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لەنجوۋ خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ئالدى بىلەن كۈچىشى، ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك.

گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى <چاڭجياڭ دەرياسى ئاغرىپ قاپتۇ>، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلى يېنىك ئەمەس، دېگەن. بۈگۈن مېنىڭ دەيدىغىنىم، خۇاڭخې دەرياسىمۇ ئىزچىل تېنى ئاجىز، كېسەلچان، سۇ ئاپىتى كۆپ».

«خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە مۇھىم بولغىنى قوغداش، زۆرۈر بولغىنى تۈزەش.» شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ قوغداشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» كېيىنكى قەدەمدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

 مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش

مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ.

غەربىي خەن سۇلالىسىدىكى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، خېشى كارىدورىدا ياخشى پۇرسەتلەر قولغا كەلدى، ئەزىمەتلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقتى، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى ئۆزئارا ئۇچراشتى، ئالماشتۇرۇلدى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى ئايلار، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جۇغلىنىپ، تارىخنىڭ قېنىق سىياھ قەلىمى بۇ تار ھەم ئۇزۇن تۇپراقتا قايتا - قايتا ئىز قالدۇردى.

باش شۇجىغا ئەگىشىپ گەنسۇ تۇپرىقىدا مېڭىش خۇددى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ۋاقىت - بوشلۇق تونېلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، نەچچە مىڭ يىلاردىن بۇيان توختاۋسىز ئېقىۋاتقان تارىخىي مەدەنىيەت ئۇزۇن ئېقىنىنى بويلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى گېنى، مەدەنىيەت قان تومۇرىنى ئىزدىگەنگە ئوخشايدۇ.

− 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە دۈنخۇاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قارنى - كۆكسىنى نامايان قىلماقتا.

«دۈنخۇاڭ مەن ئىزچىل تەلپۈنگەن، خېشى كارىدورى مەن بېرىشنى ئارزۇ قىلغان جاي.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گەنسۇدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجىنى دۈنخۇاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلغاندا، شى جىنپىڭ شۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى.

8- ئاينىڭ 19- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە يېتىپ كەلدى، گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولۇشنىڭ تۇنجى بېكىتىدە دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ سىرىنى ئىزدىدى.

غارغا كىرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تەپسىلىي سەپسېلىپ، خىزمەتچى خادىملاردىن پات - پات مىڭئۆينىڭ تارىخىي مەنبەسى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى سورىدى.

مىڭئۆينىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان نەچچە قېتىم تالان - تاراج قىلىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق قوغدىلىپلا قالماي، يەنە دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەڭ جارى قىلدۇرۇلۇپ، نامىنىڭ يىراق ئەللەرگىچە تارقالغانلىقىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئۇرغۇلۇق ھالدا: دۆلەت قۇدرەت تاپقاندىلا ئاندىن مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، دېدى.

ئېگىزلىكى 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئولتۇرغان بۇت، كۆلىمى 40 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ۋۇتەيشەن يەر شەكلى خەرىتىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەتتە كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئەسلىي ئىجادىيەت ھەيكىلى، جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىشى ناملىق تام رەسىمى... خۇددى ھاياتتەك كۆرۈنىدىغان رەڭلىك ھەيكەللەر، تەڭداشسىز نەپىس تام رەسىملىرى مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەنىلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاجايىپ گۈزەللىكنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.

8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۈنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇلاردىن «يىپەك يولى يامغۇرى» «قۇملۇقتىكى دۈنخۇاڭ» قاتارلىق ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە «چىقىرىش»تىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى سورىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز بىلەن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىز، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك.

«دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلغان، تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە مەدەنىيلىكلا ئۆز خاسلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى سىغدۇرالايدۇ، ئۆرنەك قىلالايدۇ، قوبۇل قىلالايدۇ.» مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى قوللاش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ئىدىيە، ئادىمىيەت روھى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىش ھەم ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت قەلبىنى تېخىمۇ ئېچىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك. دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

− 600 نەچچە يىل بۇرۇن قۇرۇلغان جيايۈگۇەنگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.

دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىنى سىغدۇرۇشچانلىقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، جيايۈگۇەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زېمىننى قوغداش، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيۈشتەك ھارماس - تالماس ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جيايۈگۇەندىكى گۇەنچېڭغا كېلىپ، بىر پەلەمپەي بىر پەلەمپەيدىن شەھەر راۋىقىغا چىقىپ، گۇەنچېڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەپسىلىي كۆزەتتى. شەھەر ئىچىدە شەھەر، شەھەر سىرتىدا تام، تام سىرتىدا خەندەك بار ئىدى، قاتمۇقات مۇداپىئە كۆرۈلگەن، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «جاھاندىكى بىرىنچى ھەيۋەتلىك ئۆتكەل» بولۇشقا ھەقىقەتەنمۇ مۇناسىپ ئىدى. يىراققا نەزەر سالغاندا، چىليەنشەن تېغىنىڭ ئاپئاق قار چوققىلىرىنى، خېشى كارىدورىدىكى بۈك - باراقسان يېشىللىقنى كۆرگىلى بولاتتى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلارنىڭ مەۋقەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قېزىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوغداش ئاساسىدا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى دۇنيادا، كىشىلەر جۇڭگونى تىلغا ئالغاندا ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنى ئەسكە ئالىدۇ؛ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تىلغا ئالغاندىمۇ ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنى ئەسكە ئالىدۇ. سەددىچىن سېپىلى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم سىمۋولى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بىز چوقۇم تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ مەڭگۈ قۇرۇماس يىلتىزىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك».

− 80 نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن گاۋتەي ئۇرۇشى ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغان.

«پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن جىڭگاڭشەن، زۈنيى، خۇينىڭ، يۈدۇ قاتارلىق نۇرغۇن كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا باردىم... لېكىن مەن كۆڭلۈمدە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىخىنى ۋە قۇربان بولغان كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئىزچىل ئويلاپ كەلدىم، ۋاقىت چىقىرىپ نەق مەيداندا ئۇلارنى ياد ئېتىپ زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدىم. بۈگۈن، مەن كەلدىم».

8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جاڭيې شەھىرى گاۋتەي ناھىيەسىگە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارى ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باتۇرلارچە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، چىليەنشەن تېغىدىن قان كېچىپ ئۆتۈپ، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا، گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىپ، ھاياتى بەدىلىگە زەپەردەست مەنىۋى ئابىدە تىكلەپ، خەلققە شانلىق قىزىل ئىز قالدۇردى.

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش تارىخى ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تارىخ مانا مۇشۇنداق پۈتۈلگەن: ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلدى مەردلەر جان پىدا! ئۇلار كۆرسەتكەن مۇھىم، زور، ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدىغان ئۆچمەس تۆھپىلەر تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ. ئۇلار پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى، كۈرەش روھىنى نامايان قىلدى، قىزىل ئارمىيە روھىنى، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەكس ئەتتۈردى».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىسىنى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىزنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىمىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان قىلىشىمىز، بىزنىڭ كەڭ خەلق ئاممىمىزغا قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتۇشىمىز، بىزنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزگە كىچىكىدىن باشلاپ قىزىل بەلگە بېسىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

− نەشر قىلىنغىنىغا 40 يىلغا يېقىن بولغان «تەرمىلەر» ژۇرنىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت مول نەتىجىسىنى ياراتتى.

«بىر دەريا، بىر چىنە چۆپ، بىر پارچە كىتاب» لەنجوۋ شەھىرىنىڭ خاس نام كارتىسى. بىر دەريا خۇاڭخې دەرياسىنى، بىر چىنە چۆپ لەنجوۋ كالا گۆشى ئۈگرىسىنى، بىر پارچە كىتاب «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنى كۆرسىتىدۇ.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرمىلەر نەشرىياتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«تەرمىلەر» تەھرىر بۆلۈمىدە، خىزمەتچىلەر بىر نۇسخا نەشر تەرتىپى ئىسخېمىسىنى چىقىرىپ باش شۇجىغا ئۇلارنىڭ ھەر ساندا 30 نەچچە مىڭ پارچە ماقالە ئىچىدىن كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئەلالىرىنىڭ ئەلالىرىنى تاللاپ، ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە پەقەت 50 نەچچە پارچە ئېسىل ئەسەرنىلا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ياخشى ماقالىنى ئوقۇغاندا، دائىم دىل يورۇغاندەك، سەگەكلەشكەندەك تۇيغۇغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دائىم بىر پارچە ماقالە، بىر ئابزاس يېزىق سەۋەبىدىن قەلبلەر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.» شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيە مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتكەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى بولىدۇ. ئۇ نەق مەيداندىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق تاپىلىدى: «خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېسىل مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش!»

...

مىڭ يىللىق دۈنخۇاڭنىڭ قەدىمىي سالاپىتىدىن نەچچە يۈز يىللىق ھەيۋەتلىك جيايۈگۇەنگىچە، ئىنقىلاب يىللىرىدىكى قان كېچىپ غەربكە يۈرۈش قىلىشتىن ئىسلاھات چوڭ ئېقىمىدىكى «<تەرمىلەر> ھادىسىسى»غىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي قەدەملىرىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنىڭ قۇرۇماس بۇلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 8- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.