تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

    8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدە تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسى بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدا «ئالتە بوۋاي»نىڭ ۋەكىلى ھەم ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 8- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك.

باش كۈزدىكى خېشى كارىدورىدا سالقىن كۈز شامىلى چىقىپ تۇراتتى، مېۋە - چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، چىليەنشەن قارلىق تېغى بىلەن قۇملۇقتىكى بوستانلىقلار گىرەلىشىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. 8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو، ئۆلكە باشلىقى تاڭ رېنجيەننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جيۇچۈەن، جيايۈگۇەن، جاڭيې، ۋۇۋېي، لەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، يېزا، مەكتەپ، ئوتلاق - ئورمانچىلىق مەيدانى، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت كارخانىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جيۇچۈەن شەھىرىگە قاراشلىق دۈنخۇاڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپلا، مىڭئۆيگە بېرىپ مىڭئۆينىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى ھەم غارلارغا كىرىپ ئۇزاق تارىخقا ئىگە رەڭلىك ھەيكەللەر، تام رەسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تاش غار قۇرۇلۇشى، رەڭلىك سىزما، تام رەسىملىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن - تېخنىكىنى قوللىنىپ قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ دۇنياۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزۈش كېرەك.

ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز!» «رەئىس شى جىنپىڭ ياخشىمۇ سىز!» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ ئەھۋال سورىدى، كۆپچىلىككە ساياھەت قىلغاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن دۈنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش، ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. دۈنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى فەن جىنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ شياۋلىن، لەنجوۋ داشۆسى تارىخ - مەدەنىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ بىڭلىننىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى. بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ كۆڭلى كۆكسىمىز بىلەن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىز، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك. دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ھەم دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپىۋى ئىدىيە، ئادىمىيەت روھى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىش ھەم ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت قەلبىنى تېخىمۇ ئېچىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك. دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا بولغان قوللاش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۈنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۈنخۇاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە دۈنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاسراپ، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشى، ئۆگىنىپ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەتقىقات - بىلىم ئاشۇرۇشى، ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى سۇپا ھازىرلاپ، پەن تەتقىقات قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جيايۈگۇەنگە كېلىپ، گۈەنچېڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. جيايۈگۇەن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەددىچىن سېپىلىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا باسىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، ئېگىلمەس - سۇنماس ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسىگە ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولىغا ئايلانغان. سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى قېزىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش - قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

جيايۈگۇەندىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ جاڭيې شەھىرىنىڭ گاۋتەي ناھىيەسىگە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارى ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خېشىدا ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان. خاتىرە سارىيى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئەينى يىللاردىكى جەڭ تارىخى ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە قۇرۇلغان. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، قانلىق جەڭ قىلغان قەھرىمانلىق جاسارىتى، پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن قەھرىمانلارچە پىداكارلىق كۆرسىتىش روھى ئۇزۇن سەپەر روھى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

8- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جاڭيې شەھىرىنىڭ شەندەن ناھىيەسىگە كېلىپ، شەندەن پېيلى مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. شەندەن پېيلى مەكتىپىنى ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى، يېڭى زېلاندىيەلىك داڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى رېۋى ئاللېي 1942- يىلى قۇرغان بولۇپ، كەسپىي مائارىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆمۈرلۈك مائارىپ قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگەن. شى جىنپىڭ مەكتەپ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، رېۋى ئاللېينىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئارقىدىن ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، زامانىۋى ياساش تېخنىكىسى ئەمەلىي مەشىق ئۆيى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جاھازىلىرى ئەمەلىي مەشىق ئۆيىگە كىرىپ، كەسپىي ماھارەت ئەمەلىي مەشىقىنى كۆردى ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش كۆپلىگەن ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا موھتاج، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەنزىلى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق. شەندەن پېيلى مەكتىپى شانلىق تارىخقا ۋە ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھقا ئىگە بىر كەسپىي مەكتەپ. رېۋى ئاللېي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «قول - مېڭىنى تەڭ ئىشقا سېلىش، ئىجادىي تەھلىل قىلىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا يەنىلا ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىدىغان ماھارەت ئىگىلەپ، تىرىشىپ دۆلەتكە ياراملىق، دۆلەت ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

پېيلى مەكتىپىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ جۇڭنۇڭفا شەندەن ئات فېرمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1- فېرمىسىغا كېلىپ، فېرما تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئات فېرمىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ئىسلاھات تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 8- ئايدىكى شەندەن ئات فېرمىسىدا، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، تۇلپارلار چېپىپ يۈرەتتى. شى جىنپىڭ ئوتلاققا كىرىپ، ئوتلاقنى ۋە يىلقىلارنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسراش دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، گەنسۇ ۋە خېشى كارىدورىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تىرەكلىك رولى بارغانسېرى روشەنلەشتى. پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بايلىققا ئايلىنالايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، قىممەتلىك ئوتلاق بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، چىليەنشەن تېغىنىڭ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشىنى دائىملاشتۇرۇپ، يايلاقتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مەڭگۈ بەخت يارىتىش كېرەك.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسى خۇاڭخۇاتەن ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر رايونى فۇمىن يېڭى كەنتىگە بېرىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يەرلىكتىكىلەر گۇلاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوننىڭ «ئۆز ئادەملىرىنى باقالماسلىق» ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ئېگىز، ئىچكىرى تاغلىق رايوندىكى نامرات ئاممىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ۋە چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈملۈك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش يېڭى يولىدا ماڭدى، تاغلىق رايوندا ياشاۋاتقان 60 نەچچە مىڭ نامرات ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، قوي، كالا باقمىچىلىقى ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق پەيدىنپەي نامراتلىقتىن قۇتۇلماقتا. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. كەنتنىڭ پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى خەلققە قولايلىق يارىتىش زالىدا، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملاردىن تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى سورىدى. ئارقىدىنلا ئۇ پىيادە يۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى فۇمىن باشلانغۇچ مەكتىپىگە باردى، يازلىق تەتىللىك قىزىقىش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئېلېكتىرونلۇق رويال چېلىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى، بەزىلىرى تەنھەرىكەت چېنىقىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇزىكا سىنىپىغا كىرىپ، ئۆتۈلۈۋاتقان مۇزىكا دەرسى ئوقۇتۇشىنى ئەستايىدىل كۆردى. تەنھەرىكەت مەيدانىدا پۇتبول مەشىقى قىلىۋاتقان بالىلار شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى ئورىۋېلىشتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن يازلىق تەتىلدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈردى. مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارنى بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، بەختتىن چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ كەنت يولىنى بويلاپ پىيادە يۈرۈپ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. يېپيېڭى ئۆيلەر، ئازادە يوللار، رەتلىك، پاكىز ھويلا - ئارانلاردىن ئىناقلىق، خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى لى يىڭچۈەن ئائىلىسى باش شۇجىنى ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ ھويلىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆينى ياخشىلاش ۋە سۇنى، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ لى يىڭچۈەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بالىلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. لى يىڭچۈەن ھاياجان بىلەن باش شۇجىغا دوكلات قىلىپ: نەۋرىلىرىم ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئوقۇيدۇ، ئائىلىمىز يەنە كەنتكە يېڭىدىن بىر لاپاس پارنىك ۋە تۆت باقمىچىلىق ئىسسىق قوتىنى سېلىشقا تىزىملاتتۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، دېدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدۇ، پۇقرالارنى بەختلىك قىلىش پارتىيەنىڭ ئىشى. نامرات يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىرىنچى قەدەم، كېيىنكى قەدەمدە يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش قوشۇنىنى بىر مەزگىل ساقلاپ قېلىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن چارە ئويلاپ، چىقىش يولى تېپىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى تۇرۇپ قالىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، كىرىم قىلالايدىغان قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك.

ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىغا باردى. ئورمانچىلىق مەيدانى خېشى كارىدورىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا، تېڭگېلى قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ بېشىدا، بۇ يەر گىياھ ئۈنمەيدىغان، قۇم - بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، قۇم كەنتتىكى ئېتىزلارغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەر قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلدى، قۇم ئادەمنى قىستاپ چېكىندۈرۈشتىن ئادەم قۇمنى چېكىندۈرۈپ، ئىلگىرىكى بىپايان ساپسېرىق قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە يېشىللىققا ئايلاندى. شى جىنپىڭ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي» ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلغان تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بىرنەچچە ئىشچى - خىزمەتچى «كاتەكچىلەپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ قۇمنى باستۇرۇش» مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بېرىپ ئۇلاردىن مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنى سورىدى ھەم چۆنەك ئېچىش ساپىنىدىن بىرنى قولىغا ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەپ كەتتى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»نىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ھەممە ئادەم ئاللىبۇرۇن خەۋەردار، يېڭى دەۋر تېخىمۇ كۆپ «ئالتە بوۋاي»غا ئوخشاش مۇشۇنداق ھازىرقى زاماننىڭ يۈگۇڭلىرىغا، دەۋر ئۈلگىلىرىگە موھتاج. «ئالتە بوۋاي»نىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي، جۈرئەتلىك ھالدا قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا، سىجىل كۈچ چىقىرىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەرقانداق ئىش كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت كومپارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىلا، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللەپ يېڭى بىر زېمىن ئاچالايدۇ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لەنجوۋغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش لەنجوۋ تۆمۈر يول پومپا پونكىتى تۈر نۇقتىسىغا بېرىپ، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە لەنجوۋ شەھىرىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ۋە قوغداشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، توسمىنى مۇستەھكەملەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا ئېگىزدىن نەزەر سالدى، پىيادىلەر يولىنى بويلاپ مېڭىپ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ۋە مەنزىرە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى. ئانا دەريانى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان. گەنسۇ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى ۋە تولۇقلاش رايونى بولۇپ، ئالدى بىلەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لەنجوۋ خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ئالدى بىلەن كۈچىشى، ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك. سەيلە قىلىۋاتقان ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەس - بەستە ئالدىغا كېلىشتى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر خەلقنىڭ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش كېرەك. ئالتۇن لوڭقا، كۈمۈش لوڭقىمۇ ئاممىنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ، ئامما ياخشى دېسە ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ تەرمىلەر نەشرىياتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىگە باردى. «تەرمىلەر» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماقالە تاللاش، تەھرىرلەش، تەكشۈرۈش - كوررېكتورلۇق، بەت ياساش قاتارلىق خىزمەت تەرتىپلىرى ۋە تارقىتىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئىجادىيەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ بازارنىڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيە مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتكەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى بولىدۇ. خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېسىل مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش. توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاش ئاساسىدا تىجارەتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش مول ھوسۇلنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

8- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گەنسۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گەنسۇدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشان مەركىزىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك، دىققەت نۇقتىسىنى چېچىۋەتمەسلىك، ئۆلچەمنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۆتكىلىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئوبلاست، بىر ناھىيە» ۋە 18 ئۆلكە بېكىتكەن ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسىلىلەرنى كەنتمۇكەنت، ئۆيمۇئۆي، ئادەممۇئادەم، تۈرمۇتۈر ھەل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا قەتئىي ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، تىرىكى كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئېچىش بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدا ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە مۇھىم بولغىنى قوغداش، زۆرۈر بولغىنى تۈزەش. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ قوغداشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەكتەپتە ئوقۇش تەس بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، يول يۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش، پەسەيتىش - تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەنسۇ بىر پارچە قىزىل تۇپراق، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. گەنسۇ قىزىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كەمچىلىكى، ئەيىبىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.