تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو خوتەن ناھىيەسى لۈيۈەن بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، قارا مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ھەم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

خوتەن ناھىيەسى «باشلامچى كارخانا+بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە» يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، لۈيۈەن بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ قارا مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇلى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش، دېھقانلارغا پايدا تەقسىملەش، مائاش - كىرىم قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ياخشى تېپىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچسى دولان كەنتى كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىدا، چېن چۈەنگو ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقانلاردىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈردى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

2 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان خوتەن كىيىم - كېچەك، ئاياغچىلىق، ئۆي جاھازلىرى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسىگە تولغان بولۇپ، قاتار - قاتار ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى ۋە يانداش ئەسلىھەلەر قەد كۆتۈرگەنىدى. چېن چۈەنگو قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كارخانىلارنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ كوچا باشقارمىسى خەلق يولى مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو مەھەللە كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلاپ ھال سورىدى، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلدى، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە خەلققە قولاي مۇلازىمەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، نۇرغۇنلىغان خىزمەت ئاساسىي قاتلامدا، مەھەللە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى، ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىنى تىرىشىپ ياخشى قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى توپچا مەسچىتىگە بېرىپ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز پۇختا ئۆگىنىپ، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ۋە تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك. دىن خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان يېتىشتۈرۈش، قوغداش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە كۈچەپ غەلىبە قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.