تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈپ، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈپ، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يازما سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكىنى، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەكلىكىنى، جەزمەن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، جەزمەن كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىش، ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قەتئىي ئىرادە بىلەن جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى، جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش كېرەكلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ دانا، توغرىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»قا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي تەپەككۇرنى تۇرغۇزۇپ، تارىخىي نەزەرنى يېتىلدۈرۈپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش قەلبى، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەينەن ئۆگىنىش، چوڭقۇر سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئۆگىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ شانلىق تارىخى، كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغار سىياسىي خۇسۇسىيىتى، ئالىيجاناب سىياسىي غايىسى، يۈكسەك سىياسىي ئىنتىلىشى، ساپ سىياسىي پەزىلىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش قويۇق كەيپىياتىنى تولۇق يارىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەستايىدىل ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى تەشۋىق - تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى خاتىرىلەش، ياخشى رەتلەش، ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقىقىي ياخشى قوللىنىش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تارىخىي ئەقىل - پاراسىتى، تارىخىي تەجرىبىلىرىنى قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. بەشىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زور كۈچ بىلەن ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىنقىلابىي تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى، سىياسىيغا سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان يول ئاچقۇچىلار، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان تېرىقچىلار، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.