تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

شى جىنپىڭ «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى غەيرەت - شىجائەتكە تولغان، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى قايتا جانلىق نامايان قىلغان بولۇپ، ھايات ۋە ئىسسىق قان بىلەن تاۋلانغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى شەرھلەشتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى يېڭى «لوۋشەن ئۆتكىلى»، «لازىكوۋ»لاردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

8- ئاينىڭ 18- كۈنى «سەلتەنەتلىك 70 يىل . كۈرەشچان يېڭى دەۋر − مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش سۆھبەت يىغىنى گەنسۇ خۇينىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت ئاخبارات سېپىدىكىلەرگە ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ياخشى مېڭىش چاقىرىق قىلىندى.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقى ۋە تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «سەلتەنەتلىك 70 يىل . كۈرەشچان يېڭى دەۋر − مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1300دىن ئارتۇق مۇخبىر ئەينى يىلدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر قەدىمىنىڭ ئىزىنى بويلاپ، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، جەمئىي 16 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، جانلىق، تەسىرلىك، شەكلى كۆپ خىل 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر ئېلان قىلدى، توردىكى ئومۇمىي كۆرۈلۈش ۋە ئوقۇلۇش مىقدارى 2 مىليارد قېتىمغا يېقىنلىشىپ، جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.