تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، ياڭ شىن قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جاڭ فۇچىڭ سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ بىر جەڭچىسى بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرى ئارىسىدا گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ئىككى قېتىم «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن، شەرەپ بىلەن «خەلق تۆھپىكارى» مېدالىغا ئېرىشكەن. 1955- يىلى، جاڭ فۇچىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چەت ياقىسىغا جايلاشقان لەيفېڭ ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، نامرات تاغلىق رايونغا بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقان. باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، چۇتيەن شەھەر گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى خۇ چېڭ، ئېنشى شۆبە ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خەيلۈن، ئېنشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تيەن ۋېنلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى لەيفېڭ ناھىيەلىك تارماق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى لى گەنلىن، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ نەۋرە قىزى جاڭ رەن ئايرىم - ئايرىم ئوخشاش بولمىغان تەرەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن، ئاددىي سۆزلەر، تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇشتەك ئالىيجاناب روھىنى، ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانانە ئىش ئىزلىرىنى، تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ خەلققە باغلىغان سەمىمىي رىشتىنى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك خىزمەت ئىستىلىنى، ھەممىدىن غالىب كېلىشتەك قەھرىمانلىق خىسلىتىنى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىدى، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىدى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن بىز بىر قېتىملىق چوڭقۇر روھىي تاۋلىنىشقا ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىگە ئىگە بولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئۈلگىلەردىن كۈچ ئېلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاشتەك سىياسىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، پارتىيەگە سادىق نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئاڭ» «تۆت ئىشەنچ» «ئىككىنى قوغداش»نى ئىدىيەگە كىرگۈزۈش، روھقا سىڭدۈرۈش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان روھىي پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، دادىل ئۆزىنى بېغىشلايدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، چىن قەلبى بىلەن خەلقنى كۆزلەش، دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزلەش، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئىنقىلابىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، غايە - ئېتىقادقا بولغان ئىنتىلىش ۋە چىڭ ساقلاشنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئۆزىنى پاك تۇتۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مەنپەئىتىنى ئېنىق ئايرىش، ئالدى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى، ئاندىن شەخسنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش، ئومۇم ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتنى ئۇنتۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، ئۆگىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تېخىمۇ پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۆۋەنگە چۆكۈپ خەلق ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى يۈزتۇرا ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، تۈگۈننىڭ قەيەردىلىكىنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئۈچىنچى، دىققەتنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، سەۋەنلىكلەرنى دادىل تۈزىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش - كۆزىتىش كېرەك. تۆتىنچى، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تۈزىتىپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تېپىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تۈزىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىستىلدا تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، دېگەن ئىكەن قىلىش، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىش، قىلغان ئىكەن چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىش، بىر مەسىلە - بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىش، ھەقىقىي، ئەمەلىي بولۇش داۋامىدا پەزىلەتنى تاۋلاپ، قىممەت يارىتىش كېرەك. ئالتىنچى، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى؛ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى (شەھەر)، تۇەن (چاڭ)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.