تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشر قىلىنىدىغان 16- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «<ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، بارغانسېرى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇ يىل، كېلەر يىلىدىن ئىبارەت ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى: بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئىككىنچى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى پات ئارىدا تاماملىنىدۇ؛ تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىمۇ ئېنىق تونۇش كېرەك: بىرىنچى تۈردىكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر؛ ئىككىنچى تۈردىكىسى خىزمەت داۋامىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر؛ ئۈچىنچى تۈردىكىسى ئۇزاق مۇددەت تەدرىجىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىق، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلماسلىقنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە يەنە كۆپلىگەن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. تېگى - تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان تەدبىر ۋە چارىلەرنى يولغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، جەڭ قىلىش ئۇسۇلىدا دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئوتتۇرا مەزگىللىك ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن سەل پەرقلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بوشاڭلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، غۇلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنىنى يېڭىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.