ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى قانات يايدۇرۇشى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان سەككىز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈزەش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەپ، سىجىل كۈچەپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تۆمۈردە - تاشقا ئىز قالدۇرغۇدەك روھ بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى تۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەركىم ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، زىچ ماسلىشىش، باش نىشاننى چىڭ كۆزلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئۆزگەرتىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مۇھىم نۇقتىسىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشى، نىشاننىڭ ئېنىق بولۇشى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئايدىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، سىياسەتنى ئۇنىۋېرسال يۈرگۈزۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، مەسىلىلەرنى جايىدا ئۆزگەرتىش، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي ئىشنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، تۈزەش نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈزىتىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ توققۇزتارا ياۋا ياڭاق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە يىرىك پىلانى (2027- 2018 يىل)» «شىنجاڭ پامىر ئېگىزلىكى سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2027- 2018 يىل)» «شىنجاڭ ئوتتۇرا كوئېنلۇن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2027- 2018 يىل)» «شىنجاڭ تيەنچى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2027- 2018 يىل)» قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.