مىسىرنىڭ قاھىرەدە يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن
شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 6- كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرەدە يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن. جۇڭگو تەرەپ بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.