تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن خاسلىقىغا ئىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىش كېرەك

شى جىنپىڭ فۇجيەن شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ رىغبەتلەندۈردى

تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن خاسلىقىغا ئىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 4- كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنى تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى دېدى: شياداڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىققا تولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىكنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چېلىڭ يولى كۆككە تۇتاشقان، جيۇلىڭدىن ئۆتۈشكە كېتەر توققۇز يىل». ئەينى يىلى «شياداڭغا ئۈچ قېتىم كىرگەن» كۆرۈنۈش مېنىڭ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. 30 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شياداڭدىكى تەبىئىي چوڭ جىلغىلار راۋان يوللارغا ئايلىنىپ، كونا قىياپىتى يېڭىلىنىپ، يۇرتداشلار بارغانسېرى كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، بۇ، ئاجىز قۇشنىڭ ئالدىن ئۇچۇشى، تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىشىدەك داۋلىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇرتداشلارنىڭ تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى پائال قۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن خاسلىقىغا ئىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شياداڭ يېزىسى شەرقىي فۇجيەننىڭ نىڭدېدىكى چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن يېزىدا بىرمۇ تاشيول يوق بولۇپ، قاتناش ناھايىتى قولايسىز ئىدى، بۇرۇندىن «چېلىڭ يولى كۆككە تۇتاشقان، جيۇلىڭدىن ئۆتۈشكە كېتەر توققۇز يىل» دېيىلەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم شياداڭغا كىرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغان. 1- قېتىم 1989- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئەينى چاغدا نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ ئۈچ سائەتكە يېقىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئىككى سائەتتىن كۆپرەك پىيادە مېڭىپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا شياداڭ يېزىسىغا بېرىپ نامراتلاردىن ھال سوراپ، تەرەققىيات قىيىن مەسىلىلىرىنى ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەرگەن. يېقىندا، يۇرتداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شياداڭ يېزىسىدىكى ئالتە نەپەر پارتىيەلىك كادىر، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شياداڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىق خۇش خەۋىرىنى دوكلات قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.

جاۋاب خەت

شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلار:

ياخشىمۇسىلەر!

خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتىم. شياداڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىققا تولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىكنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

«چېلىڭ يولى كۆككە تۇتاشقان، جيۇلىڭدىن ئۆتۈشكە كېتەر توققۇز يىل». ئەينى يىلى «شياداڭغا ئۈچ قېتىم كىرگەن» كۆرۈنۈش مېنىڭ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. 30 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شياداڭدىكى تەبىئىي چوڭ جىلغىلار راۋان يوللارغا ئايلىنىپ، كونا قىياپىتى يېڭىلىنىپ، يۇرتداشلار بارغانسېرى كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، بۇ، ئاجىز قۇشنىڭ ئالدىن ئۇچۇشى، تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىشىدەك داۋلىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەردى.

يۇرتداشلارنىڭ تامچە سۇ تاشنى تېشىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى پائال قۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن خاسلىقىغا ئىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.