تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى    شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى    شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا رەئىس ۋاڭ ياڭ ۋە بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خوتەندە 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچقانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان. بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇل تېشىنى پۇختىلاپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇپ، ئىشلىتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، مۇجەسسەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ قوشماقلىشىپ، بېرىش - كېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە ھەرىكەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بەشىنچى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت - مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چوڭايتىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، خىزمەت جەھەتتە قوللاش، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش، پىسخىكا جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى كەڭ سۇپا بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى (شەھەر)لىرى، تۇەن (چاڭ)لىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.