تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

■ ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم كاپالىتى، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارمىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق تۈزۈم خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم كاپالىتى، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارمىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق تۈزۈم خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى!

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش تەن يادۇڭ ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالدى بىلەن ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھاتىنى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي رامكا قۇرۇلمىسىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، كۈچ سىستېمىسىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم نۇقتا يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى تۈزۈلمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولۇپ، بۇ قەدەمنى چوقۇم ياخشى بېسىش، پۇختا بېسىش، ئىش قىلىشقا، نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر ئەتراپلىق تەشكىللىدى، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاكتىپ ماسلاشتى، زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى. دىققەتنى ئىسلاھات نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش كېرەك. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق - تەربىيەنى ياخشى قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى ھىمايە قىلىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپلىكىنى ئىگىلەپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى ئاساسىي ئىدىيە ۋە پىرىنسىپ قىلىپ مۇستەھكەم تىكلەش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن قاتلامغا بۆلۈپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى سىستېمىسى رامكىسىدا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سول، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاساسلىق بىلەن قوشۇمچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، يېنىك بىلەن ئېغىر، ئاستا بىلەن جىددىينى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، سىستېمىنىڭ ئايلىنىش ھالقىسىغا چېتىشلىق، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىن ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆزئارا تولۇقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى زور، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، زامانغا ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەت توسالغۇسىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى تەدبىر پىلانلاش، يېڭى چارە تېپىش، يېڭى يولدا مېڭىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تۈگۈننى دەل تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي بېكىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن كېلىش، ئەمەلىيەتكە بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان يېڭى تەجرىبە، يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، سىياسەت - تۈزۈم قاتلىمىدىن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى باھالاش، ئىسلاھات خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش، ئىسلاھات نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەت - تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا، ئۇزاققىچە يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىر تاختا شاھمات بولۇپ شەكىللىنىش، بىر تال ئارغامچا بولۇپ ئۇيۇشۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىلگىرىكىدەكلا ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىچكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى قىلىپ، زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى جايىدا قىلىشى كېرەك. ئارمىيە تەشەببۇسكار ھالدا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ياخشى قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ۋەزىپە - ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.