تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسىم چېگرا رايونىنىڭ مەنزىرە لىنىيەسىنى تېخىمۇ يارقىن بەرپا قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسىم چېگرا رايونىنىڭ مەنزىرە لىنىيەسىنى تېخىمۇ يارقىن بەرپا قىلىش كېرەك

7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چىفېڭ شەھىرى كالاچىن خوشۇنى خېنەن كوچا باشقارمىسى مائەنشەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ گولىنىڭ ئۆيىدە، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. 7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

■ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا «تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى تېپىش، توغرا تېپىش، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىش، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېتىۋېتىشكە تېگىشلىك يوچۇقلارنى ياخشى ئېتىش، تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەنقىدلەش، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشى - كۆزىتىشى، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشى - ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

■ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. كومپارتىيە دېگىنىنى قىلىشى كېرەك ھەم چوقۇم قىلالايدۇ. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، بۇ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسىم چېگرا رايونىدىن ئىبارەت بۇ مەنزىرە لىنىيەسىنى تېخىمۇ يارقىن بەرپا قىلىش كېرەك.

تومۇز مەزگىلىدىكى ئىچكى موڭغۇل، كۆپكۆك ئاسمان ئاپئاق بۇلۇت، سۇ، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئىدى. 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، مەھەللە، ئورمانچىلىق مەيدانى، يېزا، ئالىي مەكتەپ، ئورگان - ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، ئالدى بىلەن سۇڭشەن رايونى شىڭئەن كوچىسى لىنخۇاڭ ئولتۇراق رايونى مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لىنخۇاڭ ئولتۇراق رايونى مەھەللىسى كۆپ مىللەت ئاممىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشلامچىلىق بىلەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئائىلىسى» خاس مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ مەھەللە پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، بالىلار ۋە مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى مەھەللىگە كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللىنى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭ ئائىلە قىلىپ بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى مەھەللە مۇھىتىنى پائال يارىتىش كېرەك.

ئۇلانمۇچىر رېپېتىتسىيە زالىدا خۇشال كۈلكە - چاقچاقلار، سازلارنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەھەللىدىكى ئامما ئۇلانمۇچىر ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك خۇشاللىق بىلەن ئولىشىپ كېلىپ، خاداك تەقدىم قىلدى. مەھەللىدىكى ئامما سەرخىل مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللارنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇلانمۇچىر ئاممىغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، خۇشاللىق بىلەن كۆرىدىغاننىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. يېڭى دەۋردە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى پائال قوللاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

چىفېڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر. چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ چىفېڭ مۇزېيىغا كېلىپ، خۇڭشەن مەدەنىيىتى قاتارلىق تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنى قېزىش، قوغداش ئەھۋالى ۋە قىتانلارنىڭ لياۋ مەدەنىيىتى، موڭغۇللارنىڭ يۈەن مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى ئىگىلىدى. مۇزېينىڭ 2- قەۋىتىدە، شى جىنپىڭ كىلاسسىك مىللىي داستان «گېسار» نەزمە - نەسىرلىك ناخشا كۆرگەزمىسىنى كۆردى ھەم «گېسار» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئوخشاش بولمىغان كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، تارىخى ئۇزاق بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالماي، بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيلىك. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «گېسار» قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوللاپ ۋە يۆلەپ، ۋارىسلارنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. خەلقنى توغرا تارىخ قارىشى، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ چىفېڭ شەھىرى كالاچىن خوشۇنى مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئېگىز - پەس ئورمان مۇھاپىزەت چىغىر يولىنى بويلاپ، شى جىنپىڭ ئورمان رايونىغا كىرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى، ئەمگەك مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان كۆلىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، ياۋايى ھايۋاناتلار كۆپەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، نەپمۇ كۆپەيدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمانغا تۆھپە قوشقان دۆلەت. بۇنچە چوڭ دائىرىدە سۈنئىي ئورماننى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇشنى پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، بۇ ياپيېشىللىقنى، بۇ كۆپكۆكلۈكنى، بۇ ساپلىقنى ياخشى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەپ، تىرىشىپ تېغى دائىم يېشىل بولغان، سۈيى سۈزۈك ئېقىپ تۇرغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ كەنت ئېكولوگىيە ئارقىلىق كەنت قۇرۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق كەنتنى بېيىتىش، ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «سەي تىزىملىكى شەكلى»دە نامراتلارنى يۆلەش ۋە كۈچلۈكلەرنى يۆلەپ نامراتلارنى يېتەكلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. مائەنشەن كەنتى پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ پۈتۈن كەنتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئائىلىسى، مېھىر - شەپقەت تاللا بازىرىدا، باش شۇجى كەنت - مەھەللىلەرنى باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇۋاتقانلىقى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، كەسىپ روناق تاپسا، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ. شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۆز كەنتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە تېرىقچىلىق قىلىپ، باقمىچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە باقمىچىلىق قىلىپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يېزا - بازار ۋە كەنتلەرنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مائەنشەن كەنتىدە خەنزۇ مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، مانجۇ مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەت ئامما توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. شى جىنپىڭ تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان «كۆپ مىللەت ئائىلىسى» بولغان كەنت ئاھالىسى جاڭ گولىنىڭ ئۆيىگە كىردى. كىچىك ھويلىدا قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، كاھىشلىق ئۆي پاكىز، ئازادە ئىدى. جاڭ گولىنىڭ ئانىسى بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن بولۇپ، روھلۇق - تېتىك ئىدى. باش شۇجى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ھويلا - ئاران، مېھمانخانا، ھۇجرا ئۆي، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا - كەنت گۈللىنىپتۇ، مۇھىت ياخشىلىنىپتۇ، يېزا - كەنت تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ. يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەخلەت، يۇندىنى تۈزەش - تەرتىپكە سېلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش كېرەك.

چىفېڭ شەھىرىدىن كەلگەن ئون نەپەر كادىر، ئامما ۋەكىلىمۇ دېھقانلار ھويلىسىغا كەلدى. باش شۇجى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. سۇڭشەن رايونى دامياۋ بازىرى شياۋمياۋزى كەنتىنىڭ پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى جاۋ خۇيجيې بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتكە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغانىدى، بۇ قېتىم باش شۇجى ئۇنى ئالايىتەن مائەنشەن كەنتىگە كېلىپ كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ خۇشال بولغان ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، بۈگۈن مەن كېلىشكىنىمىز بويىچە كەلدىم، مەقسەت يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ بېقىش. كۆپچىلىك بەس - بەستە سۆز قىلىپ، باش شۇجىغا ئۆز كەنتىدە يۈزبەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - يېزا قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، بۇ، بىز ماڭغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چىڭ ساقلىغانلىقىدا. پارتىيەمىز 90 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا ۋە 4 مىليوندىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە، پەقەت باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئالغاندىلا، ھەممىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەزمەن باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدۇ، دۆلەت ئاندىن ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ، پۇقرالار ئاندىن تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. كومپارتىيە دېگىنىنى قىلىشى كېرەك ھەم چوقۇم قىلالايدۇ. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، بۇ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاڭ گولىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان چاغدا، يۇرتداشلار يولنىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغانىدى، شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئالدى بىلەن ئىچكى موڭغۇل داشۆسىگە كەلدى. پارتىيەمىز مىللىي رايوندا قۇرغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال داشۆ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. كۇتۇپخانىدا، شى جىنپىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، موڭغۇل تىل - ئەدەبىياتى تارىخىي نەتىجىلىرى كىتاب كۆرگەزمىسىنى كۆردى. موڭغۇل يېزىقىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ئۆيىدە نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت كىلاسسىك كىتابلىرى ساقلانغان بولۇپ، موڭغۇل مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش تارىخى خاتىرىلەنگەنىدى. شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: موڭغۇل يېزىقىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى توپلاش، رەتلەش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىدىيەسىگە ئائىت ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى قېزىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ھازىر دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى، كۇتۇپخانىنىڭ ئوقۇش ئۆيىدە يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىردىنلا قاينام - تاشقىنلىققا تولۇپ، باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملاشتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە، جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ. كەلگۈسىدىكى رىقابەت ياشلارنىڭ رىقابىتى، بۈگۈنكى ياشلار ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تايانچ ۋە تۈۋرۈك. ساۋاقداشلار ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە بېرىپ، تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا «تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراشقا بولمايدۇ، ھەر قېتىم يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى تەسىرات بولۇشى، تەدرىجىي توپلىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلىشىگە بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى تېپىش، توغرا تېپىش، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىش، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېتىۋېتىشكە تېگىشلىك يوچۇقلارنى ياخشى ئېتىش، تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەنقىدلەش، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقىغان ھامان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك، كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، ساختىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدۇ. تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تۇتۇش جايىدا بولۇشى كېرەك، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشى - كۆزىتىشى، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشى - ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، قانۇن - نىزاملارغا توغرىلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلنى بېيىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە - نىزاملىرى ئاز ئەمەس، ئاساسلىق مەسىلە ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىقتا، بەزىلىرى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكىدە، بەزىلىرى ئىجرا قىلىش جاسارىتىنىڭ كەمچىللىكىدە. قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە يېرىم - يارتا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ يەنە تەبىئىي بايلىق مەمۇرىي ئىشلار زالىغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملار ۋە ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ھەرقايسى خىزمەت ھالقىلىرى ۋە كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، كۆڭلىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولاي مۇلازىمەتنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئەتراپلىق ئويلىشىپ، قانچە ئېچىۋېتىپ بازارغا يۈزلەندۈرگەنسېرى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام بويىچە قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ، چىرىكلىشىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، موڭغۇل ئېتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ئەندىزە تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار سىجىل ئاشماقتا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدىكى خىرىس ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان، تەبىئىي ۋە ئېكولوگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول، مىللىي مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش، توپلاش، تۈجۈپىلەش جەھەتتە چىقىش يولى تېپىپ، يايلاقنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، تەخىرسىز مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئېغىرلىق مەركىزىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق يېڭىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى قىلغانلارنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش، قانات يايدۇرۇشقا كۈچىمىگەنلەرنى ۋاقتىدا تەنقىدلەپ ئاگاھلاندۇرۇش، پەرق كۆرۈلگەنلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي رايون ئاپتونوميە تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك شان - شەرىپىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

تەكشۈرۈش داۋامىدا، شى جىنپىڭ كۆكخوتتا ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭلىق ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى باش ئوفىتسېرلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شۈ چىلياڭ قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ياكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.